باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياچېيكا خىزمىتى نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.11.26 14:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياچېيكا خىزمىتى نىزامى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى بېسىپ تارقاتتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ) ھەمدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلار، تارماقلارنىڭ ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە ياچېيكىسى − پارتىيەنىڭ ئاساسىي تەشكىلاتى، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىدىكى جەڭگىۋار قورغىنى، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمىتى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاساسى، ئۇ، پارتىيە ئەزالىرىنى بىۋاسىتە تەربىيەلەش، پارتىيە ئەزالىرىنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرىنى نازارەت قىلىش ۋە ئاممىنى تەشكىللەش، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالغان. 18-قۇرۇلتاي مابەينىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى ھەر بىر ياچېيكا، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە ئىچىدە ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش، ياچېيكىنى چىڭ تۇتۇشتەك ياخشى ۋەزىيەت شەكىلللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە ھاسىل قىلدى. نۆۋەتتە، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغۋار ئىشلار، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوقۇم پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە ياچېيكىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ قۇرۇلۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش لازىم.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «نىزام» شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ھەم «ياچېيكىنى ليەندە قۇرۇش» شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يەنە ئاساسىي قاتلام ياراتقان يېڭى ئۇسۇل، يېڭى تەجرىبىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، پارتىيە ياچېيكىسى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. «نىزام» نىڭ بېكىتىلىشى ۋە يولغا قويۇلۇشى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ ئاساسىي قاتلامغا كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تەشكىلىي كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سىياسىي فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى تەشكىلىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر