باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پىڭشەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا «ئىمتىھانغا ئالدىرىشى» (شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە − يېڭى دەۋر، يېڭى نەتىجە، يېڭى سەھىپە)

2018.11.26 13:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «كونا ئىنقىلابىي رايون پىڭشەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ‹نامراتلىق قالپىقى›نى چۆرۈپ تاشلىدى!» دېگەن خەۋەر يېتىپ كېلىشى بىلەن، خېبېي ئۆلكىسى پىڭشەن ناھىيەسىنىڭ شىبەيپو كەنتىدىكى 70 نەچچە ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى يەن چىڭخەي كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدى.

  پىڭشەن ناھىيەسى − دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش-تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيە. 2013- يىلنىڭ ئاخىرىدا، بۇ ناھىيەدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ سانى 37 مىڭغا، ئادەم سانى 111 مىڭ 619غا يېتەتتى. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پىڭشەندە يەنە ئېشىپ قالغان نامرات ئائىلىلەرنىڭ سانى 1849غا، نامرات نوپۇس 3606 بولۇپ، نامراتلىشىش نىسبىتى %0.4كە تۆۋەنلىدى. پىڭشەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شۈياڭ: «ئىنقىلابىي كونا رايون ئۈچۈن ئېيتقاندا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش − بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا سىياسىي ۋەزىپە، بىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى يەنە بىر مەيدان ‹ئىمتىھان›ىمىزدۇر»، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پىڭشەن تىرىشىپ لاياقەتلىك جاۋاب بەردى، دېدى.

  قىزىل بايلىق دەل جايىدا يۆلەشنى «ساياھەت ئاپتوموبىلى»غا چىقاردىتاغلار پۈتۈنلەي قىزىرىپ، ئالتۇن كۈزدىكى تەيخاڭ تېغى خۇددى رەڭگارەڭ يۆگىمە رەسىمگە ئوخشاپ قالغان ئىدى.

  شىبەيپو بازىرى شىگوۋ كەنتىنىڭ قىزىل ساياھەتچىلىكى بۇ يىللاردا ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋېي جاۋنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل دۆلەت بايرىمى ئالتۇن ھەپتىلىكىدە شىبەيپوغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 200 مىڭدىن ئاشقان. شىگوۋ كەنتىنىڭ فېڭشەن تېغى بىلەن شىبەيپو مەنزىرە رايونى يېقىن بولۇپ، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىمۇ راۋاجلانغان. كەنت ئاھالىسى ليۇ شاۋچۇننىڭ دېيىشىچە، ھازىر تاغنىڭ ھەممە يېرى ئالتۇن-كۈمۈشكە ئۆزگەرگەن، ئۇنىڭ ئائىلىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتا دەل قىزىل ساياھەتكە تايانغان.

  شىگوۋ كەنتى سۇ مەنبەسىنى قوغداش رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ليۇ شاۋچۇن ئائىلىسىنىڭ تېرىلغۇ يېرى ئاز، ئىلگىرى كۈنلىرىنى نامراتلىقتا ئۆتكۈزەتتى. كېيىن، ئۇ «شىبەيپو دېھقانلار ھويلىسى»دا ئاشپەز بولدى، ئايالى شىبەيپو مەنزىرە رايونىدا ساياھەت يېتەكچىسى بولدى، ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ ھەر ئايلىق ئىش ھەققىنى قوشقاندا 7000 يۈەندىن ئاشتى. بۇلتۇر ئۇ بىر پىكاپ سېتىۋالدى، ئۇنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلاندى.

  تاغ يولى ئەگرى-بۈگرى بولۇپ، بىر شارقىراتما كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى، بېييې يېزىسى خۇخۇشۇي سۇلۇق ساياھەت مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. 70 يىل ئىلگىرى، بۇ يەردە پارتىيەمىز ۋە ئارمىيەمىزنىڭ تۇنجى سۇ كۈچى ئېلېكتىر ئىستانسىسى − خۇخۇشۇي سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇپ، ئىنقىلابىي كونا رايونلارنىڭ تۇنجى لامپۇچكىسىنى ياندۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، خۇخۇشۇي ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ قىزىل ساياھەتچىلىكى ئىنقىلابىي كونا رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم يېڭى «ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى» بىلەن تەمىنلەپ، ئەتراپتىكى 1400دىن ئارتۇق نامرات ئائىلىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى. پىڭشەن ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى مى شۇمىڭ تونۇشتۇرۇپ: «بۇ يەردە قىزىل مەدەنىيەت بايلىقى مول، ئىلگىرى قاتناش بەك قولايسىز بولغانلىقتىن، كېلىدىغان ئادەم ئاز ئىدى. ھازىر ساياھەتچىلەر كۆپەيدى، پۇقرالارمۇ بۇنىڭ تەمىنى تېتىدى»، دېدى.

  «يىلبويى ھەر كۈنى ئىككى ۋاق تاماق، قازاندا پەقەت كاۋا ۋە دورا-دەرمەك. تاغ مەنزىرىسى بولسىمۇ ياخشى، ياشلار بىر ئۆمۈر ئۆتەر بويتاق.» بۇ، بېييې يېزىسىنىڭ بۇرۇنقى تۇرمۇش كارتىنىسى ئىدى. مەنزىرە رايونىغا قوشنا چىلىپىڭ كەنتىدىكى نامرات نوپۇس جاڭ چىڭياڭنىڭ بىر مو يېرى بار ئىدى، ئىلگىرى بىر يىل ئالدىراش ئىشلىسىمۇ كىرىمى 2000 يۈەنگىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ، 56 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، يەنىلا بويتاق ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ مەنزىرە رايونىدا كۆكەرتىش خادىمى بولۇپ، ئايدا 3000 يۈەن ئىش ھەققى ئالدى؛ مەنزىرە رايونىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق قەرز پۇلىغا پاي قوشقان بولۇپ، يىلدا 3000 يۈەن پايدا ئايرىپ بېرىلدى؛ يەرنى ئوبوروت قىلىش پۇلىدىن ھەر يىلى 1000 يۈەن بېرىلىدىغان بولۇپ، تۇرمۇش بارغانسېرى ياخشىلاندى. يېقىندا، جاڭ چىڭياڭ لايىق تاپتى، ئۇ، «مەن ھازىر يېڭى ئۆي سېلىشقا ماتېرىيال تەييارلاۋاتىمەن، بالدۇرراق توي قىلىشقا تىرىشىۋاتىمەن»، دېدى.

  تولۇق تېكىستىنى ئاستىدىكى مەنبەنى بېسىپ، خەلق گېزىتىدىن كۆرۈڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر