دۇرە جەرمان يۈك-تاق ئارتىلغان تۆگىنى يېتىلەپ، قاراقۇرۇم تېغىدا ماڭماقتا (17-نويابىر فوتوسى).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2008-يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى جاپالىق، چەت، يىراق تاغلىق رايونلاردا تۇرىدىغان، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋاسىتىلىرى كەمچىل، ئۆز جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قىيىن بولغان 358 ئائىلىلىك نامرات ئائىلىگە قارىتا نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشنى ئارقا- ئارقىدىن يولغا قويۇپ، ناھىيە بازىرىغا تەخمىنەن 25 كىلومېتىرچە كېلىدىغان تاتكۆل نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈرۈپ، تۈرلۈك نامراتلارنى يۆلەش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كۆچۈرۈپ كېلىنگەن نامرات پۇقرالارنىڭ «تۇرىدىغان يېرى بولۇش، بېيىش»ىغا ياردەم بەردى.
نۆۋەتتە، بۇ جاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، چارۋىچىلار ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئولتۇراقلاشقان تاغ بىلەن خوشلىشىپ، تاغ سىرتىغا چىقىپ، يېڭى تۇرمۇشنى كۈتۈۋالماقتا. قاراقۇرۇمنىڭ ئىچكىرىسىدە ئۇزۇن يىل ياشىغان دۇرە جەرمان ئائىلىسىمۇ كۆچۈرۈش پەيتىنى كۈتۈۋالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى