باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىجتىمائىي كاپىتالنى كىرگۈزۈش سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تەمىناتىنى كېڭەيتىش

يېڭى بىر نۆۋەتلىك كۈتۈنۈشكە مەدەت بېرىش سىياسىتى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ

2018.11.23 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىگىلىنىشىچە، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىدە دائىم تىلغا ئېلىنغاندىن باشلاپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، جۇڭگۇ ئاكسيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، جۇڭگو بانكا-سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق نۇرغۇن مىنىستىرلىق، كومىتېتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىمۇ يېقىندا قايتا-قايتا ئىپادە بىلدۈرۈپ كۈتۈنۈش ساھەسىدىكى يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىغان مۇھىم، زور سىياسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ تۈزۈش؛ كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىجتىمائىي كاپىتاللارنى يەنىمۇ كىرگۈزۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تەمىناتىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  مۇخبىرنىڭ نوپۇزلۇق كىشىدىن ئۇقۇشىچە، ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلار ماسلىشىپ يېڭى بىر نۆۋەتلىك كۈتۈنۈشكە مەدەت بېرىش سىياسەتلىرىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈۋاتقان. كېيىنكى قەدەملىك كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئائىلىدە كۈتۈنۈشكە مەدەت بېرىش سىياسىتىمۇ چىڭ تۇتۇلۇپ تۈزۈلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئائىلە تولۇقلىمىسى، باجنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق پايدىلىق سىياسەتلەرمۇ تېزدىن يولغا قويۇلىدىكەن.

  كۈتۈنۈش ساھەسى ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشتىكى مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 10-ئايدا بېسىپ تارقاتقان «ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى (2018-يىلدىن 2020-يىلىغىچە)»دە كۈتۈنۈش ئاپپاراتىنى تەسىس قىلىش ئىجازىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ تۈزۈلمىسىنى كارخانا باشقۇرۇشىدىكى ياكى ھۆكۈمەت قۇرۇپ خۇسۇسىيلار باشقۇرىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش؛ دۆلەتنىڭ نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا پائال تاقابىل تۇرۇش ئوتتۇرا-ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تەمىناتىنى كۆپەيتىشىنى قوللاش تەكىتلەندى. گوۋۇيۈەن بېسىپ تارقاتقان «ئۇل ئەسلىھە ساھەسىنىڭ كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاش سالمىقىنى ساقلاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»دىمۇ ئىجتىمائىي كۈچلەرنى يەسلى مائارىپى، ساغلاملىق، كۈتۈنۈش قاتارلىق مۇلازىمەت تەمىناتىنى كۆپەيتىشكە يېتەكلەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  نۇرغۇن مىنىستىرلىق، كومىتېتلارمۇ «كۈتۈنۈش»نى مۇھىم كۆڭۈل بۆلۈش نۇقتىسى قىلىپ، يېقىندا تەكرار ئىپادە بىلدۈردى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىجتىمائىي مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ئوۋ شياۋلى 23-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىدىغان مۇھىم، زور سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۇزاق مەزگىللىك تۈزۈم رامكىسى تۈزۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر