باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

بۇ يىل شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىدە ئېتىبارلار كۆپ — ئالتايغا ساياھەتكە كېلىڭ!

2018.11.23 10:05         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قىشلىق ساياھەت ئېتىبار بېرىش پائالىيىتى 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. بۇ يىل قىشتا، قاناس مەنزىرە رايونىدا قار-مۇز مەنزىرە بايرىمى، قاناس مەنزىرە رايونى خەلقئارا قار ئېتىش شادلىق بايرىمى، قۇمقاناستا چاغان ئۆتكۈزۈش، قىش پەسلى قار – مۇز فوتو سۈرەت پەسلى، يەككە تاختايلىق دالىدا قار تېيىلىش تەكلىپ مۇسابىقىسى قاتارلىق مۇسابىقە ۋە پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  ئالتاي ۋىلايىتى قاناس مەنزىرە رايونىنى باشلامچى قىلىپ، بۇرچىن ناھىيەسى، قابا ناھىيەسى، جېمىنەي ناھىيەسى قاتارلىق جايلارنىڭ قار-مۇز ساياھىتى يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. قۇمقاناستا «چاغان ئۆتكۈزۈش»نى باش تېما قىلىپ، قار تاماشاسى قىلىش، قار ئويناش، قار ئېتىش، قاردا پىيادە مېڭىش قاتارلىق قىش پەسىللىك ئىستىراھەت خاراكتېرىدىكى قار ئۈستى پائالىيىتىنى تېخىمۇ موللاشتۇرۇپ، جيادېڭ جىلغىسى — قاناس «تۇمان سۆڭگىسى كارىدورى»نى ئوتتۇرىغا چىقاردى، سىياھ رەسىمدەك قۇمقاناسنى باش تېما قىلىپ، گۈزەل چوققا مۇھەببەت لىنىيەسى، خادېڭ سۇپىسى لىنىيەسى قاتارلىق مەنزىرە تاماشاسى ھېس قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى.
【1】 【2】 【3】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر