باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تۇنجى بولۇپ «پىلاندىن ئاشۇرغان، پايدىنى ئاشۇرغانلار مۇكاپاتى» تەسىس قىلىش

چىڭيۈەن تەجرىبىسى سىناقتىن ئۆتۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى» (ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىدىكى 40 بىرىنچى)

2018.11.23 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە گۇاڭدۇڭغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، «ئىسلاھاتتا توختاپ قېلىشقا بولمايدۇ، ئېچىۋېتىشتە توختاپ قېلىشقا بولمايدۇ» دېگەن ئىرادىسىنى جاكارلىدى، چىڭيۈەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىكى بىر بېكەت ئىدى. خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن، ۋاڭ چاڭخاۋ، ۋاڭ تىڭ ئاكا-ئۇكىلار ھاياجانلىنىپ ئولتۇرالمىدى، ۋاقىت خۇددى 38 يىل بۇرۇنقىغا قايتقاندەك بولدى.

  ھازىر 70 ياشتىن ھالقىغان ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن، پېنسىيەگە چىقىشتىن بۇرۇن ئايرىم-ئايرىم چىڭيۈەن ناھىيەسى خىمىيەۋى ئوغۇت زاۋۇتىنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقى بولغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا مەملىكەت بويىچە 1500 تىن ئارتۇق كىچىك خىمىيەۋى ئوغۇت زاۋۇتىنىڭ بىرسى بولسىمۇ، چىڭيۈەن ناھىيەلىك خىمىيەۋى ئوغۇت زاۋۇتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرى ئىسلاھات رىۋايىتىنى ياراتقانىدى.

  ۋاڭ چاڭخاۋ ۋە ۋاڭ تىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ چىڭيۈەن ناھىيەلىك خىمىيەۋى ئوغۇت زاۋۇتىغا بۆلۈندى، لېكىن ئىشلىگەنچە كۆڭلى سوۋۇپ كەتتى، 1970-يىلى سىناق تەرىقىسىدە ئوغۇت ياساشنى باشلىغاندىن تارتىپ 1978-يىلىغىچە، زاۋۇت ھەر يىلى زىيان تارتىۋاتاتتى!

  «بۇ نېمە ئۈچۈن؟ مەھسۇلات مىقدارى يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن بولدى-دە، ئەلۋەتتە»، __ ئەينى چاغدىكى مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى ۋاڭ چاڭخاۋ نېمە قىلارىنى بىلمىگەن ھالدا شۇنداق دېدى. سىرتتا دېھقانلار ئۆچرەت تۇرۇپ ئوغۇت سېتىۋالسا، ھەتتا كىچىككىنە ئاممىياكلىق سۇ ئۈچۈنمۇ تالىشىپ سوقۇشۇپ كېتەتتى. بىراق زاۋۇت ئىچىدە «چوڭ قازان تامىقى» بولغاچقا، كۆپ ئىشلىسىمۇ، ئاز ئىشلىسىمۇ ئالىدىغىنى ئوخشاش ئىدى. ھەر يىلى دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش پەيتىدە، ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى زاۋۇتتا تۇرۇپ ئالدىرىتىشقا توغرا كېلەتتى.

  __ «ئۆزگىرىش پۇرسىتى ئاخىرى كەلدى. مەملىكەت بويىچە قانات يايدۇرۇلغان ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش «شەرق شامىلى»دا، چىڭ يۈەن ناھىيەلىك خىمىيەۋى ئوغۇت زاۋۇتى مۇزاكىرە يىغىنى ئاچتى، نەچچە مەيدان يىغىندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى مۇكاپاتلاش تۈزۈمى يولغا قويۇلمىسا چىقىش يولى يوق، دەپ بىردەك قارارغا كەلدى»، __ ۋاڭ خاۋ شۇنداق دېدى.

  1978-يىلى 7-ئايدا، تۆمۈرتاۋاقنى چاقىدىغان ئىسلاھات زاۋۇت ئىچىدە ئاستا ئېلىپ بېرىلماقتا ئىدى. 50 مىڭ يۈەن پۇل چىقىرىلىپ، ئۇنىۋېرسال مۇكاپات تەسىس قىلىنىپ، مەھسۇلات مىقدارى بىلەن باغلاشتۇرۇلدى. ھەر سىنىپ (سەككىز سائەت)نىڭ ئەڭ يۇقىرى مەھسۇلات مىقدارى ئۈچ دەرىجە قىلىپ بېكىتىلىپ، بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ھەر بىر كىشىگە 1.2 يۈەن، ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ھەر بىر كىشىگە 1 يۈەن، ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات 0.8 يۈەن قىلىپ بېكىتىلدى. كۆپ ئىشلىگەن ئىشچىلار مائاشىدىن سىرت، ھەر بىر ئايدا يەنە ئون-يىگىرمە كوي مۇكاپات ئالالايتتى.

  ئۈنۈمى ناھايىتى تېز ۋە روشەن بولدى. 1979-يىلى زاۋۇت زىياننى پايدىغا ئايلاندۇردى، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 3000 توننىغا يەتمەسلىكتىن بىراقلا 15 مىڭ توننىغا يەتتى. زاۋۇت بىراقلا 70 يۈرۈش ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇرالغۇسىنى سىرتتىن سېتىۋالدى ۋە يېڭىدىن سالدى، ئۇنىڭدىن سىرت مەكتەپمۇ سالدى. ئەينى چاغدا ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا مەسئۇلى بولغان ۋاڭ تىڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئىشچىلارنىڭ قىياپىتى پۈتۈنلەي يېڭىلاندى، ھەقىقەتەن <كادىرلار باشلامچىلىق قىلىدىغان، ئىشچىلار ئەگىشىدىغان، ئېغىر ئىشلارنى تالىشىپ قىلىدىغان> ئەھۋال شەكىللەندى. »

  مېۋىسىنى تېتىغان چىڭيۈەن تېز سۈرئەتتە خىمىيەۋى ئوغۇت زاۋۇتىنىڭ تەجرىبىسىنى كېڭەيتىپ، باشقا ناھىيە دەرىجىلىك دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى زاۋۇتلاردىمۇ «پىلاندىن ئاشۇرغان، پايدا ئاشۇرغانلار مۇكاپاتى»نى يولغا قويۇپ، «چىڭيۈەن تەجرىبىسى»نى ياراتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر