باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭنىڭ مۇقىم نوپۇسى 20 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئازايدى

2018.11.23 14:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22- نويابىر بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2017- يىلى بېيجىڭنىڭ مۇقىم نوپۇسىنىڭ كۆلىمى 21 مىليون 707 مىڭ كىشىلىك دائىرىدە بولغان بولۇپ، 2016- يىلدىكى نوپۇس سانىغا قارىغاندا 22 مىڭ ئادەم ئازايغان. دېمەك، بۇ 1997- يىلىدىن بۇيان بېجىڭنىڭ مۇقىم نوپۇس سانىنىڭ تۇنجى قېتىم ئازىيىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  ئىگىلەنگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئەسلىدە بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9- قېتىملىق يىغىنىدا ئاڭلانغان ۋە قاراپ چىقىلغان «بېيجىڭ شەھىرى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13- بەش يىللىق پىلانى پىروگراممىسىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاش دوكلاتى»دىن كەلگەن بولۇپ، بۇ دوكلاتتا يەنە مۇنۇلار تىلغا ئېلىنغان: بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئالتە رايونىدىكى مۇقىم نوپۇسلۇق ئاھالىنىڭ سانى ئۇدا ئازىيىپ مېڭىۋاتىدۇ. نەتىجىدە، 2016- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە ئالتە رايوندىكى مۇقىم نوپۇسنىڭ كۆلىمىدە 740 مىڭ كىشىلىك نوپۇس ئازايغان، بۇ، ھەر يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %3 ئەتراپىدا ئازىيىپ ماڭغان.

  بېيجىڭ شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تەن شۈيشىياڭ مۇنداق دېدى: «چوڭ شەھەر كېسىلى»نى تۈزەشتە ۋەزىپىلەر يەنىلا ئېغىر، ماڭىدىغان يوللار يەنىلا ئۇزۇن.بۇنىڭ ئۈچۈن، بىز شەھەرنى ئىنچىكە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنە داۋاملىق ئۆستۈرۈشىمىز لازىم. ئالتە رايوندىكى نوپۇس گەرچە سىجىل تۈردە ئازايغان بولسىمۇ، لېكىن، 2020- يىلغا بارغىچە، 2014- يىلىدىكى نوپۇس سانى ئاساسىدا، ئۇ ساننى 15 پىرسەنت پوئىنت ئەتراپىدا چۈشۈرۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغان تەقدىردىمۇ، بىزنىڭ «13ـ بەش يىللىق پىلان» نىڭ كېيىنكى يېرىم مەزگىلىدىكى ۋەزىپىمىز يەنىلا مۈشكۈل.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر