باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مانا 13 تىرىليون يۈەنگە يېقىن قوشۇلما قىممەت!

«ئۈچ يېڭى»دىكى قوشۇلما قىممەتنىڭ سانلىق مەلۇماتى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى

2018.11.23 14:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 22- نويابىر مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: «يېڭى كەسىپلەر، يېڭى كەسىپ ھالىتى ۋە يېڭى سودا ئەندىزىسى قاتارلىقلارنى ئىستاتىستىكا قىلىپ تۈرگە ئايرىش (2018)» ۋە «يېڭى كەسىپلەر، يېڭى كەسىپ ھالىتى ۋە يېڭى سودا ئەندىزىسىدىن ئىبارەت «ئۈچ يېڭى»دىكى قوشۇلما قىممەتنى ھېسابلاش ئۇسۇلى» بويىچە ھېسابلاش ئارقىلىق، 2017- يىلى مەملىكەت بويىچە «ئۈچ يېڭى»دىكى ئىقتىسادىي قوشۇلما قىممەتنىڭ 12 تىرىليون 957 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يەتكەنلىكى مەلۇم بولدى.بۇ، ئۇنىڭGDP دە ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ %15.7ى بىلەن تەڭ بولغانلىقى بولۇپ، ئۇنى ئالدىنقى يىلىدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 0.4 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان.ھازىرقى باھا بويىچە ھېسابلىغاندا،ئۇنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %14.1 بولغان بولۇپ، ئۇنى ئوخشاش مەزگىلدىكىGDP قىممىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ قىممىتى شۇ ۋاقىتتىكى قىممىتىدىن 2.9 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان.

  «ئۈچ يېڭى»دىكى ئىقتىساد دېگىنىمىز، يېڭى كەسىپلەر، يېڭى كەسىپ ھالىتى ۋە يېڭى سودا ئەندىزىسى دېگەنلەرنىڭ قىسقارتىلغان نامى بولۇپ، ئۇ، ئىقتىسادتىكى يېڭى كەسىپلەر، يېڭى كەسىپ ھالىتى ۋە يېڭى سودا ئەندىزىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. «ئۈچ يېڭى»دىكى ئىقتىسادىي قوشۇلما قىممەت دېگىنىمىز، بىر دۆلەت (ياكى رايون)دىكى بارلىق دائىمىي تۇرۇشلۇق ئورۇنلارنىڭ مۇئەييەن مەزگىل ئىچىدە «ئۈچ يېڭى»دىكى ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى كۆرسىتىدۇ.

  ئۈچ كەسىپكە ئايرىش بويىچە قارىغاندا، ئېلىمىزدىكى بىرىنچى كەسىپنىڭ «ئۈچ يېڭى»دىكى ئىقتىسادىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 599مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭGDP دە ئىگىلىگەن نىسبىتى %0.7 بولغان؛ ئىككىنچى كەسىپنىڭ «ئۈچ يېڭى»دىكى ئىقتىسادىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 542 مىليارد 530 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭGDP دە ئىگىلىگەن نىسبىتى %6.6 بولغان؛ ئۈچىنچى كەسىپنىڭ «ئۈچ يېڭى»دىكى ئىقتىسادىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 693مىليارد 260 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ،ئۇنىڭGDP دە ئىگىلىگەن نىسبىتى %8.4 بولغان؛ ئۈچىنچى كەسىپنىڭ «ئۈچ يېڭى»دىكى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېز بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ھازىرقى باھا بويىچە ئېشىش سۈرئىتى %17.0 بولغان، ھەمدە ئۇ سۈرئەتنىڭ GDPدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 4.0 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر