باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئالىملىرى كۈچلۈكلىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئىمپۇلىسلىق تەكشى ماگنېت مەيدانىنى پەيدا قىلدى

2018.11.23 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئوتتۇرا جۇڭگو پەن-تېخنىكا داشۆسىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ مەكتەپنىڭ دۆلەت ئىمپۇلس كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى ئىلىم-پەن مەركىزى 22-نويابىر 64 تېسلا ئىمپۇلىسلىق تەكشى ماگنېت مەيدانى كۈچىنىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دۇنيا رېكورتى ياراتقان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى سىناقتا ئىشلىتىلگەن ماگنىتنىڭ ئېغىرلىقى، توك مەنبەسىنىڭ ئېنېرگىيەسى خەلقئارادىكى ئوخشاش تىپتىكى ماگنىت مەيدانى سىستېمىسىنىڭ 10/1 گىمۇ يەتمەيدىكەن، لېكىن ماگنىت مەيدانى كۈچىنىشى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت كۈچلۈك ماگنىت تەجرىبىخانىسى ياراتقان 60 تېسلا ئىمپۇلىسلىق تەكشى ماگنېت مەيدانى كۈچىنىشىدىكى دۇنيا رېكورتىدىن ئېشىپ، كۈچلۈكلىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئىمپۇلىسلىق تەكشى ماگنېت مەيدانىغا ئايلانغان. جۇڭگۇ قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى پەن يۈەن مۇنداق دېدى: ئىمپۇلىسلىق تەكشى ماگنېت مەيدانى قوشۇمچە تۇرغۇن ھالەت ۋە ئىمپۇلستىن ئىبارەت ئىككى خىل ماگنىت مەيدانىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدە كۈچىنەلەيدۇ شۇنداقلا بىر مەزگىل يۇقىرى دەرىجىدە مۇقىملىقنى ساقلىيالايدۇ. بۇ قېتىم 64 تېسلا تەكشى ماگنېت مەيدانىنى سىناق قىلىش بىرگە، دۆلەت ئىمپۇلىسلىق كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى ئىلىم-پەن مەركىزى يەنە ئېغىر فېرمىئون ماتېرىيال CeRhIn5 نىڭ سېلىشتۇرما ئىسسىقلىقىنى ئۆلچىگەن، بۇ ئىلگىرى پەقەت تۇرغۇن ھالەت ماگنېت مەيدانىدا ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان يادرو ماگىنتلىق رېزۇنانېس، سېلىشتۇرما ئىسسىقلىق، لامان سپېكتر قاتارلىق تەتقىقات خىزمىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى مەيدان كۈچلۈكلۈكىدە ئېلىپ بارغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

  ئىمپۇلىسلىق كۈچلۈك ماگنېت مەيدانى تەجرىبە قۇرۇلمىسى ئوتتۇرا جۇڭگو پەن-تېخنىكا داشۆسى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان مۇھىم، زور پەن-تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەسى ۋە تۇنجى قېتىم مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالىي مەكتەپ قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان ۋە ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىپ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور پەن-تېخنىكا ئۇل ئەسلىھە تۈرى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر