باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇرپاندىن قاراماي، چۆچەك، قومۇلغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ

2018.11.23 16:43         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇرپان ــ قاراماي، تۇرپان ــ چۆچەك ــ قومۇل ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى (جەدۋەلنى تۇرپان ئايرودۇرۇمى تەمىنلىگەن)

  مۇخبىرىمىز جاۋ مىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭگو خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ، تۇرپان ئايرودۇرۇمى تۇرپان ــ قاراماي، تۇرپان ــ چۆچەك ــ قومۇل ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ CRJ-900 تىپلىق ئايروپىلانى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان بولۇپ، تۇرپان ــ قاراماي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە G54345/6 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر ھەپتىنىڭ 1-،3-،5-،7-كۈنلىرى ئۇچىدىكەن. بېرىش سەپىرىدە سائەت 15:05تە تۇرپاندىن ئۇچۇپ، 16:15تە قارامايغا قونىدىكەن؛ قايتىش سەپىرىدە 16:55تە قارامايدىن ئۇچۇپ، 17:55تە تۇرپانغا قونىدىكەن.

  تۇرپان ــ چۆچەك ــ قومۇل ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە G54391/2 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر ھەپتىنىڭ 1-، 3-، 5-، 7-كۈنلىرى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن، بېرىش سەپىرىدە سائەت 18:35تە تۇرپاندىن ئۇچۇپ، 19:50تە چۆچەككە قونىدىكەن، ئاندىن سائەت 20:30دا چۆچەكتىن يولغا چىقىپ، 21:55تە قومۇلغا قونىدىكەن؛ قايتىش سەپىرىدە سائەت 11:00دە قومۇلدىن ئۇچۇپ، 12:35تە چۆچەككە قونىدىكەن، سائەت 13:15تە چۆچەكتىن يولغا چىقىپ، 14:25تە قومۇلغا قونىدىكەن.

  ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، تۇرپاندىن قارامايغا بارىدىغان ئەڭ تۆۋەن بېلەت باھاسى 160 يۈەندىن باشلىنىدۇ؛ تۇرپاندىن چۆچەككە بارىدىغان ئەڭ تۆۋەن بېلەت باھاسى 100 يۈەندىن باشلىنىدۇ؛ تۇرپاندىن قومۇلغا بارىدىغان ئەڭ تۆۋەن بېلەت باھاسى 60 يۈەندىن باشلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر