باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى، باش شۇجىسى شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

2018.11.27 08:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى مۇشۇ ئاينىڭ 26-كۈنى يىغىن ئېچىپ، يىغىندا «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى خىزمىتى نىزامى» ۋە «جۇڭگو كومپارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمەت قائىدىسى»غا قاراپ چىقتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى خىزمىتى نىزامى» پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۆرۈشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي قاتلامغا كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنىڭ يېزىلاردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەۋەلىكىدىكى شۇ كەنتنىڭ تۈرلۈك تەشكىلات ۋە تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىشى كېرەك. ئومۇمەن يېزىلاردىكى مۇھىم ئىش ۋە چوڭ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى پارتىيە تەشكىلاتى ئارقىلىق مۇزاكىرە قىلىش، كەنت دەرىجىلىك چوڭ ئىشلار توغرىسىدا تەدبىر بەلگىلەشتە، «تۆتنى مۇھاكىمە قىلىش، ئىككىنى ئاشكارىلاش»نى يولغا قويۇش، كەنت ئىشلىرىغا نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش لازىم.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېزا پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەنتتە ياچېيكا قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنى تولۇق قاپلاشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرىنى ياخشى تاللاپ ۋە سەپلەپ، ناھىيە دەرىجىلىك رويخەتكە ئېلىشنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ ، 1 - شۇجىنى تاللاپ ئەۋەتىشتەك ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى داۋاملىق تەرتىپكە سېلىپ يېزىلاردىكى مۇنەۋۋەر ياشلارنى پارتىيەگە قوبۇل قىلىپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ھەربىر يېزا پارتىيە ياچېيكىسىنى كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش داۋامىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك . نامرات كەنتلەردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە يېتەكلەپ ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە پۈتۈن كۈچ بىلەن غەلىبە قىلىشى كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللەش ئەۋزەللىكى ، تەشكىللەش ئىقتىدارى، تەشكىللەش كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش، ھەم ۋەزىپىنى ئورۇنداش جەريانىدا ئۆزىنى كۈچەيتىش، ئىناۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، تەسىرىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار بولۇپمۇ، ناھىيە دەرىجىلىك پارتكوملار يېزا ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشتىكى ئاساسى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئاساسى قوشۇن، ئاساسىي پائالىيەت، ئاساسى بازا، ئاساسى تۈزۈم، ئاساسى كاپالەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. كەنت دەرىجىلىك كوللېكتىپ ئىگىلىكنى زورايتىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى، گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىپ، يېزا ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردە يېزا كەنتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىنى كۈچلۈك سىياسىي ۋە تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «جۇڭگو كومپارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش خىزمىتى قائىدىسى»دە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى تۈپ ئاساس قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ ۋە كۈچەيتىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن پارتىيەدىكى يادرولۇق ئورنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى قوغدالدى، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىنتىزام تەكشۈرۈش رىۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى نەزەرىيەسى، ئەمەلىيىتى، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى يەكۈنلىنىپ، سادىق، قەتئىي، مەسئۇلىيەتچان، ئىنتىزام، قانۇنغا ئەمەل قىلىدىغان، پاك، دىيانەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رىۋىزىيە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشقا كۈچ چىقىرىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قائىدىنى مەركەزنىڭ پارتىيە ئىچى قائىدە نىزامى قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام رېۋىزىيە خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى گەۋدىلەندۈردى. بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش رېۋىزىيە ئورگانلىرى تۈزۈم قەپىسىنى چىڭىتىپ، ئۆزىنى چەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام ئىجراسىدا ئىنتىزامغا ۋە قانۇن ئىجراسىدا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا يۈز خاتىرە قىلماسلىق لازىم. ئىنتىزام ئىجراسى بىلەن قانۇن ئىجراسىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش بىلەن قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنتىزام بىلەن قانۇننى قوللىنىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق دائىملىق باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئىنتىزام بىلەن قانۇننى ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەمۇرلارنىڭ رىئايە قىلىش تۆۋەن چېكىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش لازىم. ئىنتىزام ئىجراسىدىكى تۆت خىل ھالەتنى نازارەت قىلىشنى بىر تۇتاش قوللىنىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، توغرا ئىلمىي بولۇشقا كۈچ چىقىرىش لازىم.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باشلامچى بولۇپ كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خاتىرجەم بولىدىغان ، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان ئۈلگىلىك ئورگان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ؛ تۆت ئاڭنى كۈچەيتىشكە باشلامچى بولۇپ، سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، سىياسىي مەيداندا مۇقىم تۈرۈپ، ئىدىيە ، سىياسىي ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى بىلەن باشتىن ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ،چوڭ ھەق چوڭ ناھەق ئالدىدا دادىل ئىپادە بىلدۈرۈپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، ئۆزىنى باشلامچى بولۇپ نازارەت قىلىپ، پارتىيە ئىچى نازارەتچىلىكى ۋە ئىجتىمائىي نازارەتچىلىكنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئىنتىزام قانۇننى ئىجرا قىلىشتىكى تۈرلۈك تۈزۈم، بەلگىلىمە،قائىدىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ بولۇشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈگىتىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق مۇھاپىزەتچىسى بولۇش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر