باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق بانكىسى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 3 دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2018.11.26 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، خەلق بانكىسى سىستېمىسى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 3 دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى:

  1. فۇجو شەھىرى مەركىزىي تارماق بانكىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن بانكا باشلىقى ياڭ چاڭيەننىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىلىرى. 2014- يىلى 3- ئايدىن 2018- يىلى 6- ئايغىچە، ياڭ چاڭيەن كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ،ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكىدەك پۇللارنى ئاتچوت قىلدۇرغان، يەنى، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش جەريانىدا، يۇقىرى سۈرەتلىك يوللاردا مېڭىش نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان يەتتە قېتىملىق يول يۈرۈش ھەقلىرى، شەخسىي ئىش سەۋەبىدىن سەپەرگە چىقىش نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان 29 قېتىملىق ياتاق پۇللىرى ۋە پويىز بېلىتى ھەققىدىن 31 قېتىم، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئالغان كاماندىروپكا خىراجىتى تولۇقلىمىلىرى سەككىز قېتىم بولۇپ، جەمئىي 17مىڭ 771 يۈەننى ئاتچوت قىلدۇرىۋالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ياڭ چاڭيەنگە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  2. شاڭخەي راسچوت ئورنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شېن ۋېينىڭ ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن چەتئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىش مەسىلىسى. 2016- يىلى 10- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 27- كۈنىگىچە، شېن ۋېي چەتئەلدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ئۆگىنىش پۇرسىتىدە ئەترەت باشلاپ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى كاپېتوۋن ۋە يوھانىسبورگ قاتارلىق جايلاردا تەتقىقاتنى قانات يايدۇرغان.ئەمما، شۇ جەرياندا ھۆكۈمەت پائالىيىتى ئۈچۈن ئۈچ يېرىم كۈنلا ئايرىپ، قالغان ئالتە كۈنگە ساياھەت پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان،ھەمدە شېن ۋېي شۇ ساياھەت پائالىيىتىگە تولۇق قاتناشقان، ھەم شۇنداقلا، ساياھەت پائالىيىتىدە ھاسىل بولغان كىرىش بېلىتى ھەققى ۋە ساياھەت يېتەكچىسى ھەققى قاتارلىقلارنى ئايروپىلان بېلىتىگە سۇندۇرۇپ ئاتچوت قىلدۇرغان.شۇنىڭ ئۈچۈن، شېن ۋېيگە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  3.جېڭجۇ شەھىرى مەركىزىي تارماق بانكىسى ئارقا سەپ تەمىنات مۇلازىمىتى مەركىزىنىڭ باشلىقى زو شيەنشېڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىش مەسىلىسى. 2013- يىلى 1- ئايدىن 2018- يىلى 5- ئايغىچە، زو شيەنشېڭ دائىم ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ئىشقا بېرىپ، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن بەلگىلىمە بويىچە ئاپتوموبىلنى ئىدارىغا توختىتىپ قويماي، ئەكسىچە ئاپتوموبىلنى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايغا توختىتىپ قويغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، زو شيەنشېڭغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.(خەلق بانكىسىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر