باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىسلاھاتىنى قوللاش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش» چىقىرىلدى

2018.11.26 08:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن تۈنۈگۈن «ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاش ھەققىدىكى بىر قانچە تەدبىر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقاردى. سودا مىنىستىرلىقى تاشقى مەبلەغ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى تاڭ ۋېنخۇڭ 53 ماددىلىق يېڭى تەدبىرنى «ئىنچىكە ھەم تېز ئۈنۈم بېرىدۇ» دېگەن سۆزلەرگە يىغىنچاقلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: بىر قانچە تەدبىردە، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى چۆرىدىلىپ، سىياسەت جەھەتتىن مەدەت بېرىلدى. تاڭ ۋېنخۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى بىر قانچە تەدبىردە، ھەم چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان قۇرۇلۇش، لايىھەلەش كارخانىلىرى، ئىختىساسلىقلار ۋاسىتىچىلىق ئورگانلىرى قاتارلىق تەرەپلەردىكى سالاھىيەتكە بولغان چەكلىمە يەنىمۇ بوشىتىلىپ، بۇ تۈردىكى ئىجازەت توساقلىرى ئازايتىلدى ھەم ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىغا ئىمپورت-ئېكسپورت تېخنىكا توختامىنى تىزىملاشنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بېرىلىپ، يەرلىككە ھوقۇق بېرىش تەدبىرى قوللىنىلدى. ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىدىكى جەمئىيەت باشقۇرۇشىدىكى داۋالاش ئورگانلىرىغا ب تۈردىكى چوڭ داۋالاش ئەسلىھەلىرىنى سەپلەشتە، ئۇقتۇرۇپ ۋەدە بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىش پائالىيىتىنى تەستىقلاش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاددىيلاشتۇرۇلدى.

  تاموژنا باش مەھكىمىسى ئەركىن سودا رايونى ۋە ئالاھىدە رايون تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى چېن جېنچۇڭ مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: بىر قانچە تەدبىردە، ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ سىناق ئاپتوموبىللىرى پاراللېل ئىمپورت بېجىدىن خالىي ئىسكىلاتتا ساقلاش كەسپىگە مەدەت بېرىلىپ، ئاپتوموبىل بازىرى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىمپورت ئاپتوموبىللىرىنى سېتىشنىڭ ئېشىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. پاراللېل ئىمپورت بېجىدىن خالىي ئىسكىلاتتا ساقلاشنىڭ مۇددىتى ئەسلىدە ئۈچ ئاي ئىدى، بۇ قېتىم ۋاقىت چەكلىمىسى قويۇلمىدى، بۇنداق قىلىش-ئىمپورت كارخانىلىرىنىڭ سېتىش تاكتىكىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەبلەغنى ئىگىلەشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشىغا پايدىلىق، بۇ خىل تەننەرخنىڭ ئازىيىشى يەنە ئىستېمالچىلارنىڭ ئىقتىدار قىممىتى تېخىمۇ ياخشى ئاپتوموبىللارنى سېتىۋېلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر