- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
1-ئايدىن 10-ئايغىچە ئېلىمىزنىڭ سانائەت پايدىسى تېز سۈرئەتتە ئېشىشنى ساقلىدى
سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىلدى، پىشاڭ نىسبىتىنى تۈگىتىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى
2018.11.28 14:54 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 27-نويابىر ئېلان قىلغان سانائەت كارخانىلىرىنىڭ مالىيە سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 10- ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى %13.6 ئېشىپ، ئومۇمەن بىرقەدەر تېز ئېشىشنى ساقلاپ كەلگەن. ئالدىنقى 10 ئايدا كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئاساسىي تىجارەت كەسپىي كىرىمىنىڭ پايدا نىسبىتى %6.44 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.2 پوئىنت يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلدى. 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ھەر يۈز يۈەنلىك ئاساسىي تىجارەت كىرىمىنىڭ تەننەرخى ۋە خىراجىتى جەمئىي 92.59 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.25 يۈەن تۆۋەنلىدى؛ بۇنىڭ ئىچىدە، ھەر يۈز يۈەنلىك ئاساسىي تىجارەت كىرىمىنىڭ تەننەرخى 84.27 يۈەن بولۇپ، 0.25 يۈەن تۆۋەنلىدى.
سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پىشاڭ نىسبىتىنى تۈگىتىش ئۈنۈمى داۋاملىق روشەنلەشتى. 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك-قەرز نىسبىتى %56.7 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.5 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت پاي كونتروللۇقىدىكى كارخانىلارنىڭ مۈلۈك-قەرز نىسبىتى %59 بولۇپ، 1.6 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر