باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل 10-ئايدا، مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان مەسىلىلەردىن 5585ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2018.11.28 14:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ 27-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 10-ئايدا، مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان مەسىلىلەردىن 5585ى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنىپ، 7819 كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان، 5672 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي جازا بېرىلگەن.

  بۇ يىل 10-ئايدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان 5585 مەسىلە ئىچىدە، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تولۇقلىما ياكى پاراۋانلىق تارقىتىش مەسىلىسى 1353 قېتىم، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات بېرىش-قوبۇل قىلىش مەسىلىسى 1151 قېتىم، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش 798 قېتىم، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەش-ئىشلىتىش 767 قېتىم، توي-تۆكۈن ياكى نەزىر-چىراغ ئىشلىرىنى چوڭ ئۆتكۈزۈش ئىشى 559 قېتىم، ئۆلچەمدىن ئارتۇق كۈتۈۋېلىشنى قوبۇل قىلىش ياكى ئۇيۇشتۇرۇش، يۇقىرى ئىستېمال سەۋىيەسىدىكى كۆڭۈل ئېچىش-چېنىقىش پائالىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىش ياكى ھۆكۈمەت پۇلىنى ئىشلىتىپ يۇقارقى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي ئارامخانىلارغا كىرىش ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۇرالغۇسى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەسلىك، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدىكى زىياپەت بېرىشىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلە 544 قېتىم، ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن دۆلەت ئىچىدە ساياھەت قىلىش 286 قېتىم، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن ئىمارەت-بىنا سېلىش مەسىلىسى 118 قېتىم، ھۆكۈمەت پۇلىغا چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىش مەسىلىسى توققۇز قېتىم. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي جازا بېرىلگەن كادىرلار ئىچىدە، ۋىلايەت - نازارەت دەرىجىلىك 35 كىشى، ناھىيە - باشقارما دەرىجىلىك 483 كىشى، يېزا-بۆلۈم دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك 5154 كىشى بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر