باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز مالىيەسى يېڭى يىللىق نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈردى

2018.11.28 14:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019-يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى «قىيىن» ئاچقۇچلۇق بىر يىل، شۇنداقلا كۆپلىگەن نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلايدىغان بىر يىل. يېقىندا، مەركەز مالىيەسى مەملىكەتتىكى 28 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)نىڭ 2019-يىللىق مەركەز مالىيەسى نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغى خام چوتىدىن 90 مىليارد 978 مىليون يۈەننى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈردى، بۇ تەخمىنەن 2018-يىللىق مەركەز مالىيەسى نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغى 106 مىليارد 95 مىليون يۈەننىڭ %86گە يېتىپ، يەرلىك خام چوتنىڭ مۇكەممەللىكىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، چىقىم قىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، يەرلىكنىڭ ئالدىن پىلانلاش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەردى.

  بۇ قېتىمقى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرگەن 90 مىليارد 978 مىليون يۈەنلىك خام چوت مەبلىغى ئىچىدە 12 مىليارد يۈەن مەبلەغ شىزاڭ، سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى زاڭزۇلار رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ نۇجياڭ لىسۇزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، گەنسۇ لىنشيا خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق كۆك نامرات رايونلارغا داۋاملىق نۇقتىلىق ياردەم بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى ھەمدە مەبلەغ كونكرېت رايون، ئوبلاستلارغا بۆلۈپ بېرىلدى. مالىيە مىنىستىرلىقى جايلارنىڭ نامرات ناھىيەلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە دائىر مەبلەغلەرنى بىرلەشتۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ھۆججىتى قاتارلىقلاردىكى تەلەپلەر بويىچە، نامرات ناھىيەلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مەبلىغىنى بىرىكتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۆلكە (ئاپتونوم رايون ، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)نى يولغا قويۇپ، نامرات ناھىيەلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەبلەغنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ شۇ تۈر مەبلىغىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سالمىقىدىن ئېشىش نىسبىتىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. نامرات ناھىيەلەرگە تەقسىم قىلىنغان مەبلەغ بىردەك «ئۈلۈشكە بۆلۈپ چۈشۈرۈپ بېرىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مەبلەغ تۈرلىرىنى تەستىقلاش ھوقۇقى پۈتۈنلەي ناھىيەگە چۈشۈرۈلدى، كونكرېت تۈر بېكىتىپ بېرىش ياكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ۋەزىپە-تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولمايدۇ. جايلار ئالاقىدار ھۆججەتلەرنىڭ روھى ۋە تەلىپى بويىچە، مۇددەتتىن بۇرۇن پىلانلاپ، نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مالىيە مەبلىغىنى ياخشى باشقۇرۇپ ۋە ھەقىقىي ياخشى ئىشلىتىپ، مەبلەغنىڭ توغرا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر