باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى

يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەت نىزامى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمەت قائىدىسى»نى قاراپ چىقتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2018.11.27 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 26- نويابىر يىغىن ئاچتى. يىغىندا، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەت نىزامى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمەت قائىدىسى»نى قاراپ چىقتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەت نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش بولسا، پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرىدۇر، ھەم شۇنداقلا، ئۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېزاـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ باشقۇرۇشنى ئاساسىي قاتلامدا داۋاملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېزىلاردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئىشتۇر.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كەنت پارتىيە تەشكىلاتى شۇ كەنتكە تەۋەلىك تۈرلۈك تەشكىلات ۋە تۈرلۈك خىزمەتلەرگە ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىشى كېرەك. ئومۇمەن يېزىلاردىكى مۇھىم ئىشلار ۋە چوڭ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى پارتىيە تەشكىلاتى تەتقىق قىلىپ مۇزاكىرە قىلىشى كېرەك، كەنت دەرىجىلىك چوڭ ئىشلاردا قوللانغان تەدبىرلەردە «تۆتنى مۇھاكىمە قىلىش، ئىككىنى ئاشكارىلاش»نى يولغا قويۇپ، كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېزا پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەنتتە ياچېيكا قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭ يېزىلاردىكى ھەرقايسى ساھەلەرنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ شۇجىلىرىنى تاللاپ ۋە كۈچلۈك سەپلەپ، ناھىيە دەرىجىلىك بويىچە رويخەتكە ئېلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، 1- شۇجىسىنى تاللاپ ئەۋەتىشتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، چېچىلاڭغۇ ھالەتتىكى كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى داۋاملىق تەرتىپكە سېلىپ، يېزىلاردىكى مۇنەۋۋەر ياشلارنى پارتىيەگە كىرىشكە تەربىيەلەپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەربىر يېزا پارتىيە ياچېيكىلىرىنى قەيسەر ۋە جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلەردىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نامرات كەنتلەردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە يېتەكلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ جەڭدە پۈتۈن كۈچ بىلەن غەلىبە قىلىش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللەش ئەۋزەللىكى، تەشكىللەش ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، يەنە ۋەزىپىنى ئورۇنداش جەريانىدا ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈپ، ئىناۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تەسىرىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر