- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلىتىمىزدە ئەيدىز يۇقۇمى ئەھۋالى تۆۋەن تارقىلىش سەۋىيەسىدە تۇرماقتا
قاندىن يۇقۇش ئاساس جەھەتتىن توسۇپ قېلىندى، بالىغا يۇقۇش نىسبىتىمۇ تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرماقتا
2018.11.27 16:24 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئېلىمىزدىكى ئەيدىز يۇقۇمى ئەھۋالى ئەڭ تۆۋەن تارقىلىش سەۋىيەسىدە تۇرۇۋاتىدۇ.
جۇڭگو كېسەللىكنى كونترول قىلىش مەركىزى، ب د ت ئەيدىزنى كونترول قىلىشنى پىلانلاش مەھكىمىسى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بىرلەشمە باھالىشىچە، 2018ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزدە ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ سانى تەخمىنەن 1 مىليون 250 مىڭغا يېتىش ئېھتىمالى بار ئىكەن. 2018- يىلى 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىچىدە ھايات تۇرۇۋاتقانلارنىڭ سانى 850 مىڭغا يەتكەن، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 262مىڭغا يەتكەن. يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى ھەر يىلى 80 مىڭ كىشى ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ. پۈتۈن كىشىلەر توپىنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى ھەر يىلى 90مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئۇ ساننى خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە باشقا دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، دۆلىتىمىزدە ئەيدىز يۇقۇمى ئەھۋالى تۆۋەن تارقىلىش سەۋىيەسىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئەمما يۇقۇم ئەھۋالى تەكشى ئەمەس.
نۆۋەتتە، ئېلىمىزدە قاندىن يۇقۇش ئاساسىي جەھەتتىن توسۇپ قېلىندى. كىلىنىكىدا لازىم قىلىدىغان قان ئەيدىز ۋىرۇستىكى يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنىڭ قاپلىشى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، قان بېرىش ۋە قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تارقالغانلىقتىن پەيدا بولىدىغان كېسەللىكنىڭ سانى نۆلگە يېقىنلىشىدۇ، بالىغا يۇقۇشمۇ ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى. ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ھەممە جاينى تولۇق قاپلاش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇش نىسبىتى 2012- يىلىدىكى %7.1تىن 2017- يىلىدىكى %4.9كېچە تۆۋەنلەپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى. يۇقۇملانغۇچىلارنى تەكشۈرۈپ بايقاش سالمىقى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى. تەكشۈرۈش تەدبىرىنى كېڭەيتىشنى يولغا قويۇپ، تەكشۈرۈلگەن ئادەم سانى 2012- يىلىدىكى 100 مىليوندىن 2017- يىلىدىكى 200 مىليونغا يەتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر