باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەننىڭ 5- قېتىملىق چوڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 130 تۈرلۈك تىپىك تەجرىبە ئۇسۇلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەقدىرلىدى

2018.11.27 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جايلار ۋە تارماقلارنى مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، سىياسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىدىغان ۋە ئىگىلىك تىكلەشتىكى جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، گوۋۇيۈەننىڭ 5- قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈشىدە بايقالغان 130 تۈرلۈك تىپىك تەجرىبە ئۇسۇلىنى ماختىدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ زور تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن 5- قېتىملىق چوڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، جايلار ۋە تارماقلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيى ۋە 19ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 2-، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋەزىپە تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جاپاغا قارشى ھالدا ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش ۋە خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ سىجىل ھەم ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر