باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شاڭخەي ئىمپورت-ئېكسپورتىنىڭ %40تىن ئارتۇقراقى ئەركىن سودا رايونىدىن كەلگەن

2018.11.27 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شاڭخەي تاموژنىسىنىڭ 25-نويابىر ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرىغا قارىغاندا، كۆلىمى پەقەت 120 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان جۇڭگو (شاڭخەي) ئەركىن سودا تەجرىبە رايونىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا ياراتقان ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئوخشاش مەزگىللىك ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ % 42.9 ىنى ئىگىلىگەن.

  شاڭخەي تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، شاڭخەي ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، تاموژنا ئورگىنىنىڭ رويخەتكە ئېلىشىدىن ئۆتكەن يېڭىدىن كۆپەيگەن كارخانىلارنىڭ سانى 19 مىڭغا يېتىپ، تاموژنىدا رويخەتكە ئالدۇرۇلغان كارخانا ئومۇمىي سانى 28 مىڭدىن ئاشقان. بۇ يىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، شاڭخەي ئەركىن سودا رايونىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 210 مىليارد يۈەن خەلق پۇلىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.8 ئاشقان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شاڭخەي تاموژنىسى شاڭخەي ئەركىن سودا رايونىدا باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويۇلغان «ئالدى بىلەن رايونغا كىرىش، كېيىن تاموژنىغا مەلۇم قىلىش»، «تارماق توشۇپ، توپلاپ مەلۇم قىلىش»، «ئامباردىكى مال ئەھۋالىغا ئاساسەن تۈرگە ئايرىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش» «ئەسلىي ئىشلەپچىقارغان جاي ۋىزا بېرىشنى قۇلايلاشتۇرۇش» قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىجادىي تۈزۈم ئاللىقاچان پىشىپ يېتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن 33 تۈر مەملىكەت بويىچە كۆپەيتىلىپ كېڭەيتىلگەن.

  شاڭخەي ئەركىن سودا رايونى پۇدۇڭ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىكى شاڭخەي جۇڭيۈەن دېڭىز تىرانسپورت-ئايروپورت باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتى يېقىندا، چەت ئەل ئىمپورت كىيىم-كېچەك تىرانسپورتىدا نۆۋەتچى ئايروپىلان يەرگە قونغاندىن باشلاپ ماللار باجدىن خالىي رايوندىن چىقىپ بولۇش ۋاقتى ئەڭ تېز بولغاندا 3 سائەت 40 مىنۇت بولۇشتەك ئەركىن سودا رايونى سۈرئىتىنى ياراتتى، پەقەت ئىسپانىيە كىيىم-كېچەك گۇرۇھى ۋاكالەتچىلىكىدىكى كىيىم-كېچەك ئىمپورت مال مىقدارى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدىلا 10 مىڭ توننىغا يەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر