باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئۆلچەمنى قاتتىق تۇتۇپ، ئادەمنى ئادىل ئىشلىتىپ، نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، كادىرلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، سادىق، پاك، زىممىسىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش لازىم، دېدى

2018.11.27 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 26-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو تارىخىدىكى ئەمەلدارلار ئىستىلى ھەققىدە 10-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: توغرا سىياسىي لۇشيەنگە توغرا تەشكىلىي لۇشيەن ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشتا چوقۇم يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشى، قابىلىيەتلىكلەر ئۆلچىمىنى قاتتىق تۇتۇپ، ئادەمنى ئادىل ئىشلىتىپ، ئادەم ئىشلىتىشتىكى نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، سادىق، پاك، زىممىسىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تارىخىي تەجرىبىلەرنى قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش پارتىيەمىزنىڭ بىر ياخشى ئەنئەنىسى. تارىخ ئالدىنقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەغلۇبىيەتلىرىنى بايان قىلىدۇ، تارىخقا ئەھمىيەت بېرىپ، تەتقىق قىلىپ تارىختىن ئۆرنەك ئېلىش، تارىختىكى قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش، گۈللىنىش ۋە خارابلىشىش قانۇنىيىتىنى ئىگىلىگەندە، تۆنۈگۈننى چۈشىنىش، بۈگۈننى چىڭ تۇتۇش، ئەتىنى يارىتىشقا نۇرغۇن ئىلھاملارنى بېرىدۇ. بىز ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تارىخقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىمىز، تەتقىق قىلىشىمىز، ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئېلىشىمىز لازىم. بۇ بىزنىڭ مېڭىمىزنى بېيىتىش، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىش، تەربىيەلىنىشىمىزنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇشقا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئېلىمىز تارىخىدا ئۆتكەن سۇلالىلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلدار تاللاش ۋە باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، «ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا ھەممىدىن مۇھىمى ئادەم»، «ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى ئەمەلدارلارنى باشقۇرۇش ئىدىيەسى ۋە ئۇسۇللىرى مول بولغان ئەمەلدارلارنى باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى توپلاش بىلەن بىللە، روشەن تارىخىي چەكلىمىلىككە ئىگە، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن فىئوداللىق تەركىپلەرمۇ بار، بۇنىڭغا بىز چوقۇم دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە جۇڭگونىڭ تارىختىكى ئەمەلدارلارنى باشقۇرۇشىدىن ئىبارەت بۇ تېمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى − ئېلىمىز تارىخىدىكى ئەمەلدارلارنى باشقۇرۇشنىڭ پايدا-زىيىنىنى چۈشىنىپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن بىر قىسىم ئۆرنەك بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر