باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتا پائال نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى

ئېلىمىزنىڭ كاربون سىجىللىقى نىشانى مۇددەتتىن ئۈچ يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇلدى

2018.11.27 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 26-نويابىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «جۇڭگونىڭ كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش سىياسىتى ۋە ھەرىكىتى 2018-يىللىق دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى ۋە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى كېلىمات ئۆزگۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاكتىپ ئىجابىي پوزىتسىيە بىلەن ئادىل، مۇۋاپىق، ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان يەرشارى كىلىماتىنى تۈزەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە ئەمەلىي، پايدىلىق سىياسەت، تەدبىر قوللىنىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش دۆلەت ئىچى ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ۋە يېشىل تۆۋەن كاربونلۇق تىپىغا ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى ئېلىمىزنىڭ بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىشى (تۆۋەندە كاربون سىجىللىقى دەپ ئاتىلىدۇ) 2005-يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %46 تۆۋەنلەپ، 2020-يىلى كاربون سىجىللىقىنى %40 تىن %50 كىچە چۈشۈرۈش نىشانىغا يېتىپ، نىشاننى مۇددەتتىن ئۈچ يىل بۇرۇن ئورۇنلىغان. كاربون سىجىللىقى تېز سۈرئەتتە ئېشىشتەك ۋەزىيەت دەسلەپكى قەدەمدە ياخشىلانغان. تاشقاتمىسىز ئېنېرگىيەنىڭ بىرلەمچى ئېنېرگىيە ئىستېمالىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى % 13.8 ئاشقان. ئورمان زاپىسى 2 مىليارد 100 مىليون كۇب مېتىر كۆپىيىپ، 2020- يىللىق نىشاننى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلىغان. بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش، 2030-يىلى كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىش چوققا قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنداشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ناھايىتى ياخشى ئاساس سالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر