- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو ياۋروپا مۇنبىرى ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنى جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشقا مەركەزلەشتى
2018.11.27 11:11 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو ياۋروپا مۇنبىرى ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 26- كۈنى گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە باشلاندى. ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنىنىڭ پەخرىي رەئىسى، گېرمانىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى شىرودىر باشلىنىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى : جۇڭگو، گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۆزلىشىشنى كۈچەيتىش، قول تۇتۇشۇپ كۆپ تەرەپلىك ۋە ئەركىن سودىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار.
شرودىر شۇ كۈنى، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئۆز - ئارا مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكلەر ئىكەنلىكىنى، ھەمكارلىشىش قارشىلىشىشتىن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسىدا جۇڭگو سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا كۈچلۈك سىگنال بەردى، بۇ جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ قويۇق ھەمكارلىشىشىغا پايدىلىق .
ياۋروپا مۇنبىرى ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنى 2004 - يىلدىن باشلانغان بولۇپ، ھەر ئىككى يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ، « جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئۇچرىشىشى » باش تېما قىلىنىدۇ ، بۇنىڭدىن مەقسەت جۇڭگو ياۋروپا ئاشكارا سۆھبەتلىشىش مۇنبىرىنى ئورنىتىپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۇرۇپ، ئۆز ئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا ، يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار « بىر بەلباغ ، بىر يول » تەشەببۇسى ، رەقەملەشتۈرۈش ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ، جۇڭگو ياۋروپا يېشىل ئىقتىساد ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق قارالمىلارنى مۇزاكىرە قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر