باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى خەينەن ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى

ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىنىڭ پاي ھوقۇقى قايتا تەشكىللەندى

2018.11.27 09:18         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز جاۋ چۈنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى خەينەن ئاۋىياتسىيە پاي كونترول پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى.

  كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىككى تەرەپ پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش شەكلى ئارقىلىق ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىنىڭ پاي ھوقۇقىنى قايتا تەشكىللەپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇ بېكىتكەن قارىمىقىدىكى تارماق شىركەت ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىنىڭ %70 پاي ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ، خەينەن ئاۋىياتسىيەسى پاي كونترول شىركىتى %30 پاي ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. پاي ھوقۇقىنى قايتا تەشكىللەش تاماملانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى مۇدىرىيىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە خەينەن ئاۋىياتسىيەسى پاي كونترول شىركىتىدىكى كەسىپلەشكەن كوللېكتىپنى ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بىخەتەرلىك، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت باشقۇرۇشىغا مەسئۇل بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ.

  بۇ كېلىشىم، خەينەن ئاۋىياتسىيە گۇرۇھىنىڭ دىققەتنى ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى ئاساسىي كەسپىگە مەركەزلەشتۈرۈش، «شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى»گە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتى، شىنجاڭنىڭ قاتنىشىدىكى بوغما ھالەتنى پەسەيتىش، ساياھەت كەسپىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاشقا كۈچ قوشۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى، بۇ، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىشنى دۆلەت ئىچى- سىرتىغا كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى بىردىنبىر ئاۋىياتسىيە شىركىتى بولۇپ، 2014- يىلى 8- ئاينىڭ 29- كۈنى رەسمىي تىجارەت باشلىغان. بۇ يىل 9- ئايغىچە، قاتناۋاتقان ئايروپىلان 16 گە، دۆلەت ئىچى- سىرتىغا ئاچقان ھاۋا قاتنىشى لىنىيەسى 46 گە يەتكەن، بىخەتەر توشۇغان يولۇچى جەمئىي 6 مىليون 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىنى مەركەز قىلغان، دۆلەت ئىچىدىكى ئاساسلىق شەھەرلەرنىڭ ھاۋا قاتنىشى لىنىيەسىگە تۇتىشىدىغان تور قۇرۇلمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرگەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر