باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى رۇسىيەدىن تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇكرائىنا پاراخوتى بىلەن خادىملارنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى

2018.11.27 11:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو مۇشۇ ئاينىڭ 26-كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى فېيسبوكتا يازما ئېلان قىلىپ ، رۇسىيەدىن تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇكرائىنا پاراخوتى بىلەن خادىملىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىش ، ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ ئازوۋ دېڭىزىنىڭ ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشنى تەلەپ قىلدى .

  پوروشېنكو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : رۇسىيە خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلدى. رۇسىيەنىڭ تۇتۇپ قېلىنغان ئۇكرائىنا پاراخوتلىرى بىلەن خادىملىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشى ئازوۋ دېڭىزى ۋەزىيىتى پەسىيىشنىڭ تۇنجى قەدىمى .

  ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسى ئاخبارات ئىدارىسى مۇشۇ ئاينىڭ 25 -كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا ، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىككى توپچى پاراخوتى ۋە بىر كېمە سۆرەش پاراخوتىدىن تەشكىللەنگەن پاراخوت ئەترىتى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كېرچ بوغۇزى چوڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ قارا دېڭىزدىن ئازۇ دېڭىزغا كىرمەكچى بولغان . رۇسىيەنىڭ پاراخوتى ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ كېمە سۆرەش پاراخوتىنى قەستەن سوققان ، ھەمدە ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر توپچى پاراخوتىنى ئوققا تۇتۇپ ، 6 ئادەمنى يارىلاندۇرغان . نۆۋەتتە ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 3 پاراخوتى ۋە پاراخوتتىكى 23 خادىم رۇسىيە تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر