- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەنگلىيە پارلامېنتى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمىگە ئاۋاز بېرىدۇ
2018.11.27 11:11 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرىسا ماي مۇشۇ ئاينىڭ 26-كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىدا سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى : ئەنگلىيە پارلامېنتى 12 - ئاينىڭ 11-كۈنى « ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش » كېلىشىمىگە ئاۋاز بېرىدۇ.
ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى مۇشۇ ئاينىڭ 25 -كۈنى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئەنگلىيە بىلەن ئىمزالىغان « ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش » كېلىشىمىنى رەسمىي ماقۇللىدى ، بۇ ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ « ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش » سۆھبىتىنى باشلىغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىسى . بىراق، ئەنگلىيەدىكى نۇرغۇنلىغان پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىللىرى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمىدىن نارازى بولۇپ، پارلامېنتتا ئاۋازغا قويۇلغاندا بۇ كېلىشىمگە قارشى ئاۋاز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە بولغان لېبورستلار پارتىيەسىنىڭ داھىيسى كولبېن تەنقىدلەپ مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىم « ناچار » كېلىشىم ، ھۆكۈمەت ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش سۆھبىتىدە ناھايىتى مەغلۇپ بولدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر