باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە كۆكساراي كىم جوڭئۇننىڭ يىل ئاخىرىدا كورېيەگە زىيارەتكە كېلىشىدىكى ھەر خىل مۇمكىنچىلىكلەرگە ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسىدە بولىمىز، دېدى

2018.11.27 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى كۆكساراي 26-نويابىر، كورېيە تەرەپنىڭ چاۋشيەن دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جوڭئۇننىڭ يىل ئاخىرىدا كورېيەدە زىيارەتتە بولۇشىدىكى ھەر خىل ئېھتىماللىقلارغا نىسبەتەن ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسىدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆكساراي باياناتچىسى جىن يىچيەن شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا يۇقىرىقىدەك ئىپادە بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: كىم جوڭئۇننىڭ كورېيەدە زىيارەتتە بولۇشى زادى 2-قېتىملىق چاۋشيەن-ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلەمدۇ ياكى كېيىنمۇ، قايسى خىل ئورۇنلاشتۇرۇش چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىگە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولالايدۇ؟ بۇ ھازىرقى ئويلىنىشقا ۋە ھۆكۈم قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە.

  9-ئاينىڭ 19-كۈنى، كىم جوڭئۇن بىلەن مون جىئىن چاۋشيەن پايتەختى پيۇڭياڭدا «9-ئايدىكى پيۇڭياڭ ئورتاق خىتابنامىسى»نى ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپنىڭ يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى بالدۇرراق ئىلگىرى سۈرۈش، شىمال-جەنۇب ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، تىرىشىپ چاۋشيەن يىرىم ئارىلىنى مەڭگۈلۈك تىنچلىق بەلبېغى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش قاتارلىقلاردا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان ئىدى. كىم جوڭئۇن ئۆزىنىڭ ئۇزۇن ئۆتمەي سىئۇلدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 9-ئاينىڭ 20-كۈنى، مون جىئىن پيۇڭياڭدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ كورېيەگە قايتقاندىن كېيىن ئاۋامغا دوكلات بەرگەندە، ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا، بۇ يىل ئىچىدە كىم جوڭئۇننىڭ كورېيەدە زىيارەتتە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر