باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى ۋە نومۇرلارنىڭ باش رولىغا چولپانلارنى ئەمەس بەلكى ئاممىنى كۆپرەك چىقىرىش كېرەك، دېدى

2018.11.28 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نيې چېنشى 27- نويابىر بېيجىڭدا مۇنداق دېدى: رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە توردىكى ئۈن-سىن ئەدەبىيات-سەنئىتىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، كىنو- تېلېۋىزىيە چولپانلىرىنى ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ كۆپ ئادەتتىكى ئاممىنى ئەسەرلەر، نومۇرلارنىڭ باش رولچىسى قىلىپ، چولپانلارنى قوغلىشىش، كۆپتۈرۈش، ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈل ئېچىشقا ئايلاندۇرۇۋېتىش، چاكىنىلاشتۇرۇش، يۇقىرى فىلىم ئىشلەش ھـەققى قاتارلىقلارنى توسۇپ، چولپانلار، مېھمانلارنىڭ فىلىم ئىشلەش ھـەققى سوممىسىنى مۇۋاپىق تىزگىنلەش لازىم.

  نيې چېنشى شۇ كۈنى مەملىكەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە تور ئۈن-سىن ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە تور ئۈن-سىن ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمىتىدە سىياسىي يېتەكچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆتتە ئۆزىگە ئىشىنىش»تە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىيونلار ئىستانسىسا قۇرۇش، تور قۇرۇش، پىروگرامما ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن- ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش لازىم؛ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى باشتىن-ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇش لازىم.

  نيې چېنشى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆتنى قەتئىي ئىشلەتمەسلىك» ئۆلچىمىنى پۈتۈن كەسىپ بويىچە ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەزمۇن ئۆتكىلى، يېتەكچىلىك ئۆتكىلى، خادىملار ئۆتكىلى، فىلىم ئىشلەش ھـەققى ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  نيې چېنشى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: رادىيو-تېلېۋىزىيە ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى دىققەتنى ئاساسىي تېما، ئاساسىي لىنىيەگە قارىتىپ، ئۇلۇغ دەۋرنى ھەقىقىي كۈيلىشى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارنى چۆرىدەپ نۇقتىلىق تېلېۋىزىيە فىلىمى، تور تىياتىرى، ھۆججەتلىك فىلىم، كارتون فىلىم، ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، دەۋرگە، سەنئەتكە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن تارىختا ئىز قالدۇرالايدىغان، خەلق ئارىسىدا نامى قالىدىغان، پارتىيەنى، ۋەتەننى، خەلقنى، قەھرىمانلارنى مەدھىيەلەيدىغان بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىشى لازىم.

  نيې چېنشى: «چولپانلارنى ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ كۆپ ئادەتتىكى ئاممىنى ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانى، نومۇرنىڭ باش رولچىسى قىلىپ، سەمىمىي ھېسسىيات بىلەن ئەڭ گۈزەل پېرسوناژلارنى تەسۋىرلەپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ روھىي قىياپىتىنى يارقىن نامايان قىلىش، يېڭى دەۋردىكى پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك ھېكايىلىرىنى كۈچەپ ياخشى سۆزلەپ، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى قوغلىشىش، بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىشتىكى جانلىق دەۋر كارتىنىلىرىنى قالدۇرۇش لازىم»، دېدى.

  نيې چېنشى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: كەسىپ ئېكولوگىيەسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشلىرىغا قەتئىي زەربە بېرىپ، چولپانلارنى قوغلىشىش، چولپانلارنى كۆپتۈرۈش، ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈل ئېچىشقا ئايلاندۇرۇۋېتىش، فىلىم ئىشلەش ھـەققى يۇقىرى بولۇش، كۆرۈش نىسبىتى (چېكىلىش نىسبىتى)دە ساختىلىق قىلىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەشتىكى يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، ئاشكارىلاش- ئاگاھلاندۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاشكارا ئاگاھلاندۇرۇش، مەمۇرىي جازا، بىرلىكتە جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر