باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ئاھالىلەرنىڭ كىملىكى يىتۈپ كەتسە توردا تولۇقلاپ ئېلىشقا بولىدۇ

2018.11.29 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- ئاينىڭ 25- كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى كىملىك يىتۈپ كەتسە تولۇقلاپ ئېلىشنى توردا بېجىرىش، نوپۇس ئىشلىرىنى توردا بېجىرىش، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى توردا ئىلتىماس قىلىپ بېجىرىش قاتارلىق خەلققە قولايلىق ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى سەككىز تۈرلۈك تەدبىرنى رەسمىي يولغا قويۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش»نىڭ ئىسلاھات تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئامانلىق باشقۇرۇش باش ئەترىتى نوپۇس باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ پېيجياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى جەمئىيەتكە ئېلان قىلغان «كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش»تىكى 84 تۈرلۈك ئىسلاھات تۈرلىرى ئىچىدە، ئامانلىق باشقۇرۇش باش ئەترىتىنىڭ باشلامچى بولۇپ ئورۇندايدىغان ۋەزىپىلىرىگە چېتىلىدىغىنى 8 تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىسى بولۇپ، ھازىرغا قەدەر، بۇ 8 تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ ھەممىسى تاماملىنىپ بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئاھالىلەر مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرىنى تورغا چىقىپ بېجىرسە بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى كىملىك يىتۈپ كەتسە تولۇقلاپ ئېلىشنى ئالاقە تورىدا ئاپتوماتىك بېجىرىش سىستېمىسىنى ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ سىستېما 1- ئۆكتەبىردىن باشلاپ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. نۆۋەتتە، 316 ئادەمنىڭ تەلىپى مۇۋەپپەقىيەتلىك قوبۇل قىلىندى. بارلىق شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان شىنجاڭ نوپۇسىدىكى ئاھالىلەر، ئالاقە تورى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىغا چىقىپ، «كىملىك بېجىرىش» رايونى ئارقىلىق كەسپىي ئىشلىرىنى بېجىرىشكە بولىدۇ، يەنى، ئابۇنىچىلارنى ئاپتوماتىك ھالدا تىزىمغا ئېلىش، ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ۋە ھەق تاپشۇرۇۋېلىش قاتارلىق قوبۇل قىلىش ھالقىلىرىدا ئىشلىرىنى تاماملىسا بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار قوبۇل قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ج خ نازارىتىنىڭ كىملىك ياساش مەركىزى تەرىپىدىن كىملىك ياسىلىپ بولغاندا، كىملىك ۋە ئۇ قوبۇل قىلىنغان ئۇچۇرلار كىملىك بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا پوچتا تېز يەتكۈزۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق يوللاپ بېرىلىدۇ، كىملىك يىتۈپ كەتسە تولۇقلاپ ئېلىش ئىشلىرىنى ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا قولاي ۋە تېز ھالدا بېجىرگىلى بولىدۇ. تۇغۇلغان بوۋاقلارنى مەلۇم قىلىش، ئۆلگەنلەرنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش، ئىسىم ئۆزگەرتىش، مىللەت ئايرىمىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە نوپۇس دەپتىرىنى تولۇقلاپ بېسىش قاتارلىق بەش تۈرلۈك نوپۇس ئىشلىرىنى ئالاقە تورىدا ئاپتوماتىك ئىلتىماس قىلىش ۋە ئالدىن قوبۇل قىلىش سىستېمىسىنىمۇ ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ سىستېما 21- ئۆكتەبىردىن باشلاپ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. ئامما ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىغا چىقىپ ئىلتىماسىنى ئالدىن قوبۇل قىلىشنى مەلۇم قىلسا بولىدۇ. 20- ئۆكتەبىردىن باشلاپ، ئامما ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى تور بېكىتىنىڭ توردا ئىش بېجىرىش بۆلۈمچىسىگە كىرىپ، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشنى توردا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر