باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئاپتونوم رايون بويىچە تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئاچتى

ئاممىۋى خىزمەتكە نازارەتچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2018.11.28 10:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز لياڭ لىخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گو شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئاپتونوم رايون بويىچە ئاممىۋى خىزمەتكە نازارەتچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، نەتىجە- تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلىدى، مەسىلە، كەمتۈكلۈكلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئاممىۋى خىزمەتكە نازارەتچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇۋەققەت مۇدىرى ياڭ شىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى چوقۇم سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتكە نازارەتچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاممىۋى خىزمەتكە نازارەتچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئاممىۋى خىزمەتكە نازارەتچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىشنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تېخىمۇ چوڭ سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق كادىرلار ئىستىلىنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنىشى، تۈپتىن ياخشىلىنىشى، ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلىشى، كۈچەيتىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئىدىيەۋى تونۇش، مەزمۇن- مېخانىزم، تەدبىر- ئۇسۇل، تۈزىتىش- ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنتىزام ئىجراسى ئۈنۈمى، ئىقتىدار- ساپادىن ئىبارەت ئالتىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشى؛ تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، نازارەتچىلىك، يېتەكچىلىك ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، نازارەتچىلىك، يېتەكچىلىك ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئاممىۋى خىزمەتكە نازارەتچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ باشتىن- ئاخىر يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بويلاپ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا قەشقەر ۋىلايەتلىك، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەلىك پارتكوم، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى سانجى شەھىرى داشىچۈ بازارلىق پارتكومدىكى مەسئۇل يولداشلار ئاممىۋى خىزمەتكە نازارەتچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىشنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىن تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى شەكلىدە يېزا- بازار دەرىجىلىككىچە ئېچىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر