باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لى پېڭشىن تارىم داشۆسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

توغراق روھى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، چېگرانى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش كېرەك

2018.11.28 10:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن تارىم داشۆسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مائارىپنى باشقۇرۇش تۈپ پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، توغراق روھى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، چېگرانى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، بىڭتۈەن ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، جەنۇبىي شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە يۇقىرى سەۋىيەلىك داشۆنى تىرىشىپ قۇرۇش كېرەك.

  لى پېڭشىن تارىم داشۆسى مەكتەپ تارىخى سارىيى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ بىيولوگىيە بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش بويىچە ئۆلكە ۋە مىنىستىرلىق بىرلىكتە قۇرغان دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈش بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم تارىم داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا كىرگۈزۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەكتەپلەرنى باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان مۇستەھكەم بازىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى مەكتەپ قۇرۇش، مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ يادرولۇق ۋەزىپىسى قىلىپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتى ۋە جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى مەۋقە قىلىش، بىڭتۈەنگە يۈزلىنىش، شىنجاڭغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردە چېگرانى قوغدايدىغان يېڭى كىشىلەرنى تېزدىن يېتىشتۈرۈپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىدىغان، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلايدىغان ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشالايدىغان ئالاھىدە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خاس كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىقلارنى پەن- تېخنىكا ۋە ئەقىلىي كۈچ تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. قەتئىي ھالدا دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى، ئىناقلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قىزىل گېن، توغراق روھى ۋە «جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ھەربىي، سىياسىي داشۆسى» ئىستىلىنى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈپ، ئوقۇتۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پەنلەر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەرسلىك سىستېمىسىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، باشقۇرۇش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى قىممەت يېتەكچىلىكى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەربىيەلەش- ئوقۇتۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسىي ئۆلچەمنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىق ئوقۇتقۇچىلارنى كىرگۈزۈش ۋە ئىشلىتىش يېڭى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىدىغان، ئۆزىنى چېگرا رايونغا بېغىشلايدىغان يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىلدۈرۈش ۋە بەرپا قىلىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، غايە- ئېتىقادىنى چىڭىتىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يېتىلدۈرۈش، ئەخلاق- پەزىلەت جەھەتتە تەربىيەلىنىشىنى كۈچەيتىش، بىلىمى، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش، كۈرەش قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈش، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى كۈچەيتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغان، تۆھپە يارىتىدىغان سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر