11- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى بېيجىڭدىكى جۇڭگو سىياسىي كېڭەش تارىخ-مەدەنىيەت سارىيىدا ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، 41 ئافرىقا دۆلىتىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى، ئالىي دىپلوماتلار ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشكە كىرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمىنىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئاڭلىدى، ئافرىقىدىكى ئالاقىدار ئاپپاراتلار ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار قاتارلىقلار جۇڭگو سىياسىي كېڭەش ئورگانلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھەمكارلىشىدىغان گۈزەل كەلگۈسى ھەققىدە كەڭ كۇشادە پاراڭلاشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى