- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جاڭجياكودىكى بىر خىمىيە سانائىتى شىركىتى ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 22 ئادەم ئۆلدى
2018.11.28 15:59 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ جاڭجياكو شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مىكرو بىلوگىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 28- نويابىر سائەت 0دىن 41 مىنۇت ئۆتكەندە، جاڭجياكو شەھىرى چياۋدۇڭ رايونى خېبېي شېڭخۇا خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئەتراپىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تارمىقىنىڭ نەق مەيدانىدا قۇتقۇزۇش قىلىش نەتىجىسىدە جەزملەشتۇرۇلۈشىچە، نۆۋەتتە 22 ئادەم قازا قىلغان. يەنە 22 يارىدار كىشى ئايرىم-ئايرىم ھالدا خېبېي شىمال ئىنستىتۇتى 1- دوختۇرخانىسى ۋە 251- دوختۇرخانىسى قاتارلىق دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ بېرىلىپ، شۇ دوختۇرخانىلاردا جىددىي قۇتقۇزۇلماقتا ئىكەن. دەسلەپكى قەدەمدىكى تەكشۈرۈلۈشچە، شۇ ۋەقەدە 38 چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ۋە 12 كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلغا ئوت كەتكەن. نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش خىزمىتى ۋە ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى يەنىلا جىددىي داۋاملاشماقتا ئىكەن. شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا بېرىپ ئولىشىۋالماي، قۇتقۇزۇش تەرتىپىگە تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دەپ ئەسكەرتىلدى.
جىددىي ۋەقەلەرنى بىرتەرەپ قىلىش ۋە باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى فۇ جيەنخۇا خىزمەت گۇرۇپپىسىنى باشلاپ نەق مەيدانغا بېرىپ، يەرلىكنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇشى، ئاخىرەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشى ۋە ۋەقەنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ماسلىشىشى ئۈچۈن ئەۋەتىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر