باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئىسپانىيە، ئارگېنتىنا، پاناما ۋە پورتۇگالىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 13-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

شى جىنپىڭ مادرىدقا بېرىپ ئىسپانىيە پادىشاھلىقىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

2018.11.28 15:08   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ مادرىدقا بېرىپ ئىسپانىيە پادىشاھلىقىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 27-نويابىر، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مادرىدقا بېرىپ، ئىسپانىيە پادىشاھلىقىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

  شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئىسپانىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەندە، ئىسپانىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانى قوغداپ ئۇچتى. شۇ جاي ۋاقتى سائەت 16دىن 5 مىنۇتلار ئۆتكەندە، مەخسۇس ئايروپىلان مادرىد-باراجاس خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى. شى جىنپىڭ ۋە خانىمى پېڭ لىيۈەن ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ئالىي ئەمەلدارلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئىسپانىيە ئۆسمۈرلىرى شى جىنپىڭ ئەر-ئايالغا گۈل تەقدىم قىلدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇردى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئىسپانىيەنىڭ ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. 2000يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، قەدىمىي قۇرۇقلۇق يىپەك يولى قەدىمىي پايتەخت چاڭئەن بىلەن ئىسپانىيەنىڭ تارراگونانى بىر-بىرىگە باغلىغان. 400 نەچچە يىل ئىلگىرى، ئىككى تەرەپ دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى ئارقىلىق قويۇق سودا ئالاقىسى ئورناتقان. 1973-يىلى، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. 2005- يىلى، ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، جۇڭگو-غەرب مۇناسىۋىتىنىڭ قەدىمى تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا كىردى. ھازىر، جۇڭگو-غەرب ئىككى دۆلەت ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ مۇھىم باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەش، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىگە پايدىلىق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: زىيارەت مەزگىلىدە، پادىشاھ فىلىپ VI ۋە باش ۋەزىر سانچېز قاتارلىق ئىسپانىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو-ئىسپانىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى دەۋر مۇساپىسىنى ئېچىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىر…
    ·شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ 2019- يىللىق ياردەم پۇلى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلدى 
    ·بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى بىللە كىتاب ئوقۇپ بېرىش تولىمۇ مۇھىم
    ·جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يەسلى مائارىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر قېلىپل…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىنى باشقۇرۇش جەھەتتە «كەڭ قويۇۋېتىش، بوشىشىش، يۇمشاق قول ب…
    ·چىڭخەيدە «ئائىلە، مەكتەپ تور ئالاقە سۇپىسىدا‹بەشنى قىلىش، بەشنى قىلماسلىق> نى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قالتىس ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش 2.0 پىلانىنى يولغا قويدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ كونترول قىلىدىغا…
    ·كۆپ قىسىم جايلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ مەمۇرلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولماسلىقنى ئايدىڭلاشتۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى چېگرا سىرتىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتى…