باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئاقىل چوڭ مېڭە» قاراماينى تېخىمۇ «ئەقىللىق» قىلدى

2018.11.28 10:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز گاۋ ۋا خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 25- كۈنى، قاراماي شەھىرى ئاھالىسى لى يۈ 13- يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرماقچى بولدى، ئۆيدىن چىقىشتىن بۇرۇن، ئۇ يان تېلېفونىدا «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسى»دىن ئاپتوبۇسلارنىڭ يۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. لى يۈ ماڭا مۇنداق دېدى: ئۈچ مىنۇت بۇرۇن ئۆيدىن چىقساملا، ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرالايمەن. بۇنىڭدىن سىرت، قايسى دورىنىڭ قايسى دورىخانىدا سېتىلىدىغانلىقى، ئولتۇرماقچى بولغان ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ بېكەتتىن يەنە قانچىلىك يىراقتا ئىكەنلىكى قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئەمەلىي ئۇچۇرلارنى يان تېلېفون ئارقىلىقلا سۈرۈشتە قىلغىلى بولىدۇ، ناھايىتى قولايلىق.

  قارامايدا بۇنىڭغا ئوخشاش ئاممىغا قولاي ئاقىل مۇلازىمەت يەنە ناھايىتى كۆپ، ئاقىل قاتناش، ئاقىل داۋالاش، ئاقىل مەمۇرىيەت؛ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى مەنبەدىن تەكشۈرۈش سىستېمىسى، رەقەملىك دوختۇرخانا سىستېمىسى، رەقەملىك ئارخىپ سىستېمىسى... ھەممە يەرنى قاپلىغان ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى، ئاشكارا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك توردىكى ھۆكۈمەت، ئىنچىكىلەشتۈرۈلگەن شەھەر باشقۇرۇش، يۇغۇرۇلغان، يېڭىلىق يارىتىلغان ئۇچۇر ئىقتىسادى قاراماينى تېخىمۇ «ئەقىللىق» قىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراماي شەھىرى ئۇچۇر كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى شەھەر- بازار تەرەققىياتى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئۇچۇر مۇلازىمەت كەسپىنىڭ كەسىپ توپىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

  قاراماي شەھەرلىك ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن كې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قاراماي شەھىرى شەھەرنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى كۆزلەپ، 2010- يىلى ئۇچۇر كەسپى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، ئېلېكتىرونلۇق ياسىمىچىلىق، يۇمشاق ماتېرىيال ئېچىش، IT مۇلازىمىتى، مەزمۇن مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ بۆلەكنى چۆرىدەپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى.

  2012- يىلى، شىنجاڭدىكى تۇنجى بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر رايونى − قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر رايونى تەستىقلىنىپ قۇرۇلدى ھەم شىنجاڭ «تىيانشان بۇلۇت جىلغىسى» پىلانىدىكى يادرولۇق بازىغا ئايلاندى. قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر رايونى بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئەشيا تورى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر قاتارلىق كەسىپلەر توپىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قاراماينىڭ «ئاقىل چوڭ مېڭە»سى بولۇپ قالدى.

  بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر رايونى خۇددى غايەت زور ماگنىتتەك دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى نەچچە ئون نوپۇزلۇق IT كارخانىسىنى جەلپ قىلدى. بۇ رايونغا شۇ كەسىپتىكى جۇڭشىڭ خەۋەرچىلىكى، چىڭخۇا تۇڭفاڭ، بېيجىڭ چاۋتۇ قاتارلىق 50 نەچچە كارخانا توپلىنىپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىش ئېففېكتى كۈنسېرى گەۋدىلەندى. بۇ رايوندا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ خۇاۋېي بۇلۇت مۇلازىمەت سانلىق مەلۇمات مەركىزى، جۇڭگو نېفىتچىلىكى سانلىق مەلۇمات مەركىزى(قاراماي)، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى (شىنجاڭ) سانلىق مەلۇمات مەركىزى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرى قۇرۇلدى ھەم ئارقا- ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرىنىڭ كۆلىمى ۋە ئىقتىدارى غەربىي شىمال بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

  قاراماي كەسىپ بىلەن شەھەرنىڭ يۇغۇرۇلۇش نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، ئاقىل شەھەر قۇرۇلۇشىغا كۈچەپ، مەمۇرىيەتنى كۈچەيتىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، كەسىپنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈردىكى ئۇچۇر قوللىنىشىنى تاماملىدى، ئاقىل شەھەر قوللىنىشچان مۇلازىمەت تۈرىنى 140 تىن ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك ئاممىغا قولاي مۇلازىمەت سىستېمىلىرىنىڭ ھەممىسىنى «بۇلۇتلاشتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

  يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، قاراماي شەھىرى دىققەتنى توك باھاسى، زەنجىرسىمان لىنىيەدىن ئىبارەت بۇلۇت ھېسابلاش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئىككى چوڭ بوغما ھالەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر رايونىنى ئاساس قىلىپ، توك باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە زەنجىرسىمان لىنىيەنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىگە داۋاملىق تۈرتكە بولدى. بۇ يىل 4- ئايدا، قاراماي شەھىرىنىڭ خەلقئارا ئالاقە تورى سانلىق مەلۇمات مەخسۇس يولى تەسىس قىلىشى تەستىقلىنىپ، قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر رايونىدىن «بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ»غىچە بولغان ئالاقە تورى خەلقئارا ئۇلاش ئىدارىسىگىچە بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىغان سانلىق مەلۇمات زەنجىرسىمان لىنىيەسى قۇرۇلدى. ھازىر، بۇ رايون يۇقىرى ئىقتىدار- باھا نىسبىتىگە ئىگە بۇلۇت مۇلازىمەت ئاساسىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ساقلاش، ھېسابلاش قاتارلىق تىرەك بىلەن تەمىنلىدى ھەم «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر