خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26- نويابىر كەچتە، جۇڭگونى ھېس قىلىش خاراكتېرىدىكى «غەربىي رايوننىڭ سېھرىي كۈچى» ناملىق دۇنخۇاڭ مۇزىكىلىق ئۇسسۇلى ۋە مىللىي ناخشا ئۇسسۇل نومۇرلىرى رۇسىيە «مەدەنىيەت شەھىرى» ساينت پېتېربۇرگتا قويۇلدى. لاسا شەھەرلىك ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى ۋە گەنسۇ ئۆلكىلىك ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدىن ئىبارەت ئىككى ئۆمەكنىڭ ئارتىسلىرى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مىللىيچە ناخشا-ئۇسسۇللىرى ئارقىلىق رۇسىيەلىك تاماشىبىنلارغا قارلىق ئېگىزلىكنىڭ ۋە يىپەك يولىدىكى گۈزەل جايلارنىڭ مەنزىرىلىرىنى نامايان قىلدى.
«غەربىي رايوننىڭ سېھرىي كۈچى» ناملىق ئويۇن بولسا، «جۇڭگونى ھېس قىلىش - جۇڭگو غەربىي رايون مەدەنىيىتى سەپىرى» پائالىيىتىنىڭ بىر قىسىمى. «جۇڭگونى ھېس قىلىش - جۇڭگو غەربىي رايون مەدەنىيىتى سەپىرى» بولسا، جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى سىرتقا تارقىتىش ئۈچۈن، بولۇپمۇ يىپەك يولى مەدەنىيىتى ئۈچۈن تەسىس قىلغان ماركا ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ۋە جۇڭگونىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار ئۇيۇشتۇرغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى