باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى بۇلتۇرقى سېلىنمىسىنىڭ پايدا نىسبىتى %5.23 بولدى

2018.11.27 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى كېڭىشى 26-نويابىر ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ يۈرۈشتۈرۈش يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 2017-يىللىق ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى سېلىنمىسىنىڭ پايدا سوممىسى 8 مىليارد 783 مىليون يۈەن، مەبلەغنىڭ پايدا نىسبىتى %5.23 بولغان.

  ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى قۇرۇلغاندىن تارتىپ 2016-يىلى 12-ئايدا ھاۋالە بويىچە يۈرۈشتۈرۈش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جەمئىي سېلىنمىنىڭ پايدا سوممىسى 8 مىليارد 819 مىليون يۈەن بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە 2016- يىللىق مەبلەغ سېلىش پايدا سوممىسى 36 مىليون يۈەنگە يەتتى. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى جەمئىيىتى توققۇز ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) بىلەن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى ھاۋالىلىك مەبلەغ سېلىش توختامى ئىمزالىدى، توختام ئومۇمىي سوممىسى 430 مىليارد يۈەن، ھاۋالە مۇددىتى بەش يىل بولۇپ، ھەممىسىدە پايدا تۆۋەن چېكىگە كاپالەتلىك قىلىش توختام نۇسخىسى قوللىنىلىپ، ئەمەلىي ھېسابات مەبلىغى 273 مىليارد 150 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  يىللىق دوكلاتتا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، پاي چېكى تەقسىملەشتە پاي چېكى سېتىۋېلىش باھاسى قاتتىق تىزگىنلىنىپ، بازار تۆۋەن باھاسىدا مەبلەغ سېلىش پەيدىنپەي كۆپەيتىلگەن؛ مۇقىم پايدىنى تەقسىملەش جەھەتتە ئۆسۈم نىسبىتى يۇقىرى ئورۇندا تۇرغان پۇرسەت توغرا ئىگىلىنىپ، تەقسىملەش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، پۈتۈن بىر يىلدا بىر قەدەر ياخشى پايدا ئېلىش ئۈچۈن ئاساس سېلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر