باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى تېزلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2018.11.27 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماقنىڭ بەنگۇڭتىڭى يېقىندا بىرلىشىپ «مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى مەخسۇس تۈزەشتىكى بىر قانچە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، جايلاردىكى قانۇن ئىجرا قىلىش كۈچى يېتەرسىز بولۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋاسىتىسى مۇكەممەل بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا بىر قاتار كونكرېت تەدبىرلەرنى ئېلان قىلىپ، جايلارنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تۈزەش سۈرئىتىنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى تۈزەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىگە كىردى، بۇ مەركەز، ئامما، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ، جايلارنىڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەخسۇس تۈزەش ۋەزىپىسىنى كەم-كۈتسىز ۋاقتىدا تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىشى تەلەپ قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر