باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىچكى قىسىمدا تەسىس قىلغان ئاپپاراتلار ئېلان قىلىندى: 10 مەھكىمە (نازارەت) تەسىس قىلىندى

2018.11.28 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدار جامائەت سۇپىسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 27- نويابىر چۈشتىن كېيىن، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چيەن فېڭ مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئىچكى قىسىمدا تەسىس قىلغان ئاپپاراتلىرى ئاساسەن قۇرۇلۇپ بولدى.

  نۆۋەتتىكى ئاپپاراتلار 10 مەھكىمە (نازارەت)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا، مىنىستىرلىق بەنگۇڭتىڭى، سىياسەت ۋە قانۇن-نىزام مەھكىمىسى، ئىدىيەۋى-سىياسىي ۋە ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداش مەھكىمىسى، پىلان-مالىيە مەھكىمىسى، ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئورۇنلاشتۇرۇش مەھكىمىسى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش مەھكىمىسى، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش مەھكىمىسى، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش ۋە نەپىقە ئىشلىرى مەھكىمىسى، تەقدىرلەش-خاتىرىلەش مەھكىمىسى (خەلقئارا ھەمكارلىق مەھكىمىسى)، ئورگان پارتكومى (كادىرلار مەھكىمىسى).قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

  ئۇنىڭدىن باشقا، چيەن فېڭ يەنە مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: ھەر قايسى جايلاردىكى ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭمۇ تەسىس قىلىنىش ئىشلىرى جىددىي تۇتۇپ ئېلىپ بېرىلماقتا. 11- ئاينىڭ 26- كۈنىگىچە، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى قاتارلىق ئورۇنلاردا، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە تەيىنلەنگەنلەرنىڭ سانى 30غا يەتكەن (بۇلار، خىزمەتچى خادىملىرى تەيىنلەنگەن ھەمدە ۋىۋىسكا ئېسىلغان 26سىنى ۋە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان، ئەمما تېخى ۋىۋىسكا ئېسىلمىغان 4ىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، يەنە ئىككى ئورۇنغا تېخى تەيىنلەش ئۇقتۇرۇشى چۈشمىدى. قىسمەن ئۆلكىلەرنىڭ شەھەر ۋە ناھىيەلىرىدىكى سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرىغا ئائىت ئىككى دەرىجىلىك ئىدارىلىرىغىمۇ ۋىۋىسكا ئېسىلىپ بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر