باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

(ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىكى 40 خىل بىرىنچى): ئالەم كېمىلىرىدىكى ئادەملىك تۇنجى كېمىنىڭ ئۇچۇشى

2018.11.28 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11- ئاينىڭ باشلىرىدىكى جۇخەي ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، تۇنجى قېتىم سىرتقا ئاشكارىلانغان جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتى يادرو بۆلمىسىنىڭ كۆرگەزمە رايونىدا، بىر ئالاھىدە مېھمان كۈتۈۋېلىندى. ئۇ بولسىمۇ ئالەم قاتنىشى قەھرىمانى ياڭ لىۋېي.

  2003- يىلى 10- ئاينىڭ 15- كۈنى، ياڭ لىۋىي ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ جەڭگە ئاتلىنىپ، ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ماڭغان ئىدى. «10، 9، 8...» قومانداننىڭ تەتۈر ساناق پارولى ئاڭلانغاندا، ياڭ لىۋىي ئىختىيارسىز ھالدا ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، ۋەتەن ۋە خەلققە بىر تەنتەنىلىك سالام بەرگەن ئىدى. شۇ كۈنى سائەت 9 دا، قۇلاقنى يېرىۋەتكۈدەك گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ، قەددىنى تىك كۆتۈرگىنىچە ئالەم بوشلۇقىغا قاراپ ئۇچۇپ چىققان راكېتا ياڭ لىۋىينى ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ ماڭغان ئىدى.

  راكېتانىڭ سۈرئىتى بارغانسېرى تېزلىشىپ، قېچىش مۇنارى ئايرىلدى، تېزلەتكۈچ ئايرىلدى، 1-، 2- دەرىجىلىك راكېتا ئايرىلدى، ھاۋا ئېقىمىنى تەڭشەش قاپقىقىدىن ئايرىلدى … پەقەت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، ياڭ لىۋىي ئۇشتۇمتۇت تېنى گويا لەيلەپ قالغاندەك ھېس قىلدى، ئۇ شۇ چاغدا، ئالەم كېمىسى يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىدىن ئايرىلىپ، ئالەم بوشلۇقىغا كىرگەنلىكىنى ھېس قىلدى. كېمە دېرىزىسىدىن قارىغاندا، گۈزەل يەر شارى سۇس بۇلۇتلارنىڭ كەينىدە تۇرغان بولۇپ، ئۇزۇن دېڭىز قىرغىقى ئېنىق كۆرۈنەتتى. ئالەم كېمىسى يەر شارىنى ئايلىنىپ يۇقىرى سۈرئەتتە ئۇچۇپ، 90 مىنۇتتا يەر شارىنى بىر ئايلىنىپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن، كۈندۈز بىلەن كېچە ئالمىشىپ، يەر شارىنىڭ گىرۋىكى خۇددى بىر چىرايلىق ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەندەك تۈسكە كىردى. ياڭ لىۋىي شۇ چاغدا مۇنداق بىر سۆزنى يازغان ئىدى: «ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن، جۇڭگولۇقلار ئالەم بوشلۇقىغا كەلدى.» ھەمدە، ئۇ يازغان ھېلىقى سۆزىنى كېمە بۆلمىسى ئىچىدىكى كامېرا ئالدىغا توغرىلاپ، ئۇنى ۋەتەن خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىگە كۆرسەتتى.

  ئۇ كېمە شۇ چاغدا ئالەم بوشلۇقىدا 21 سائەت 23 مىنۇت ئىچىدە يەر شارىنى 14 قېتىم ئايلىنىپ چىقىشنى داۋاملاشتۇردى. ياڭ لىۋىي "خاسىيەتلىك كېمە 5-" ناملىق ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئالەم كېمىلىرىدىكى ئادەملىك تۇنجى كېمىسىنىڭ ئۇچۇشىنى ئاخىرى تاماملىدى. بۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىش مۇساپىسىگە يەنە بىر مۇھىم قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. "خاسىيەتلىك كېمە 5-" ناملىق ئالەم كېمىسى ۋە "ئۇزۇن سەپەر 2-" ناملىق F تىپلىق توشۇغۇچى راكېتادىن باشلاپ، تاكى ئۇلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلىشى، كۆزىتىلىشى ۋە كونترول قىلىنىشى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ مەشىق قىلدۇرۇلۇشى ۋە ئۇلارغا كاپالەت قىلىشقىچە، شۇنىڭدەك ئالەم كېمىسى يەر شارى يۈزىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى قايتىش بۆلمىسىنى ئىزدەپ تېپىش قوشۇنىنىڭ خىزمەتلىرى قاتارلىقلارغىچە بولغان پۈتكۈل جەريان، ھەمدە ياڭ لىۋىينى ئالەم بوشلۇقىغا ئەۋەتىپ، ئالەم كېمىلىرىدىكى ئادەملىك تۇنجى كېمىنىڭ ئۇچۇش غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەنگە قەدەر بولغان پۈتكۈل جەريان ئەمەلىيەتتە مىڭلىغان ئون مىڭلىغان ئالەم قاتنىشى خادىملىرىنىڭ بوشاشماي ئىزچىل تىرىشىشى ۋە جاپالىق تۆھپە قوشۇشلىرىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر