خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 28-نويابىر، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مادرىدتا ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچېز بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ئىسپانىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو- ئىسپانىيە ئۆزئارا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتلارغا ئىگە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشقا بىردەك قوشۇلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۇدا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ياۋروپا زىيارىتىمدە ئىسپانىيەگە كەلگىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. بۇ يىل جۇڭگو- ئىسپانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئىزچىل ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدى، جۇڭگو-ئىسپانىيە دوستلۇقى قۇيۇقلىشىۋاتىدۇ. باش ۋەزىر جانابلىرى جۇڭگو-ئىسپانىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشنى پائال قوللاپ كەلدى، بىز بۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتىمىز. جۇڭگو تەرەپ ئىسپانىيە بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى باشتىن- ئاخىرى قەدىرلەيدۇ، ئىسپانىيەنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى مۇھىم تەسىرىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىسپانىيە بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، جۇڭگو-ئىسپانىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتىگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي تۈزۈمدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى