خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 28 - كۈنى، تاماشىبىنلار «ئۇلۇغ ئۆزگىرىش – ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسى «دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە كۆرگەزمە رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
«ئۇلۇغ ئۆزگىرىش __ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسى» جۇڭگو دۆلەت مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، تۆتىنچى كۆرگەزمە رايونى «تارىخىي غايەت زور ئۆزگىرىش»نىڭ ئالتىنچى بۆلىكى − «دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قۇدرەتلىك ئارمىيە مۇستەھكەملەندى» قىسمى ھەر تەرەپلىك، كۆپ نۇقتىدىن خەلق ئارمىيەسىنىڭ 40 يىللىق قاينام- تاشقىنلىق ئۇلۇغ مۇساپىسىنى نامايان قىلدى. كۆرگەزمە 13-نويابىر باشلانغاندىن بۇيان، بۇ قىسمى باشتىن-ئاخىر كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى