خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئارزۇ − بارلىق كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدۇر. ئارزۇسى بار، كۈرەش قىلىشنى خالايدىغان مىللەت يېڭىلمەستۇر. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، «جۇڭگو ئارزۇسى» ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ ئالتە يىللىقى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى... تارىخ ۋە كەلگۈسى 2018-يىلى كېسىشىپ، ئارزۇغا تەلپۈنگەن قەدەملەر توختىمىدى. مۇرەككەپ تاشقى مۇھىت، ئىجتىمائىي ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق بىر قاتار چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قىيىنچىلىقتىن قورقماي، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلەشكە يېتەكلەپ، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.
سۈرەتتە: دۆلەت يىغىن مەركىزى (شاڭخەي) سارىيى سىرتىدا، كۆرگەزمە قۇت بەلگىسى «جىنباۋ» مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلاندى (4-نويابىر تارتىلغان سۈرەت).
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى