باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئارگېنتىنا تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

جۇڭگو-ئارگېنتىنا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى يارىتايلى

2018.11.29 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ بۇئېنوس ئايرېس باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ھەمدە ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئارگىنتىنانىڭ «بۇرغا گېزىتى»دە، «جۇڭگو-ئارگېنتىنا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى يارىتايلى» ماۋزۇلۇق ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالە تۆۋەندىكىچە:

  جۇڭگو-ئارگېنتىنا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى يارىتايلى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  جەنۇبىي يېرىم شار ئۈمىدكە تولغان باھار پەسلىدە، زۇڭتۇڭ ماۋرىسيو ماكرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ بۇئېنوس ئايرېس باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىم ھەمدە ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.

  «بار پۈتۈن ئالەمدە بىزنىڭ چىن قەلبداش دوستىمىز، بۇ جاھاننىڭ ئۇ چېتىمۇ ئەڭ يېقىن تام قوشنىمىز». جۇڭگو-ئارگېنتىنا ئىككى دۆلەتنىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت خەلقى تىنچلىقنى سۆيىدىغان سىرداش دوستلار. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى خەلقئارا بوران-چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار ئىگىلىكى دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتىكى ئۈلگىسى بولۇپ قالدى.

  ــــــ جۇڭگو - ئارگېنتىنا ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلاردۇر. قىسقىغىنا ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مەن زۇڭتۇڭ ماكرى بىلەن تۆت قېتىم ئۇچرىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو-ئارگېنتىنا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇق. جۇڭگو تەرەپ ئارگېنتىنانىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئارگىنتىنانىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئىشەنچى كامىل. نۆۋەتتە، جۇڭگو - ئارگېنتىنا ھۆكۈمەتلىرى ئارا دائىمىي كومىتېتى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك سۆھبىتى، پارلامېنت سىياسىي سۆھبەت كومىتېتى، ئىقتىساد-سودا ئارىلاشما كومىتېتى قاتارلىق مېخانىزملار راۋان يۈرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشىشى ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. جۇڭگو بىلەن ئارگېنتىنا ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەردە بىر بىرىنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر