باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ھۆججەت لېكسىيە ئۆمىكى ئالتە مەيدان دوكلات يىغىنى ئۆتكۈزدى

2018.11.29 15:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ھۆججەت لېكسىيە ئۆمىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنى ۋە خېبېي، لياۋنىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، شەنشى قاتارلىق ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشلەردە ئالتە مەيدان لېكسىيە سۆزلەش دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىشخانىسى بېسىپ تارقاتقان «يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نىڭ روھىنى چۈشەندۈردى.

  ھۆججەت لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى شۇ چىمىڭ، جىن شۆفېڭ ۋە يې شياۋۋېن ھۆججەتنىڭ كېلىپ چىقىش دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە زور ئەھمىيىتى، ھۆججەتتىكى مۇھىم ئىدىيە ۋە ئاساسلىق ئالاھىدىلىكنى چوڭقۇر ئىگىلەش، ھۆججەتنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسلىق تەدبىرلىرىنى تەپسىلىي ۋە ئومۇميۈزلۈك چۈشەندۈرۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىدىيە سىياسىي يېتەكچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتناشقان ھەر قايسى پارتىيە گۇرۇھ تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر قايسى ساھە زاتلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخى بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىش روھى مەزمۇنىنى سىستېمىلىق شەرھلىدى. ھۆججەت لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى يەنە يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بىلەن ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر