باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتى «ئالاقە تورى + ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى»نىڭ يېڭى يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەندى

بايراق تورى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى

2018.12.18 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17- دېكابىر، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتى مەسئۇل بولغان، بايراق ژۇرنال تەھرىراتى ئۇيۇشتۇرغان، خەلق تورى جۇڭگو كومپارتىيەسى ئاخبارات تورى ئۈستىگە ئالغان بايراق تورى (www.gongwei.org.cn ياكى www.qizhiwang.org.cn) رەسمي ئېچىۋېتىلدى.

  مەلۇم بولۇشىچە، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتى ئەسلىدىكى مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى تورى، زىگۇاڭگې تورى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ پارتىيە مەكتىپى تور بېكىتى ۋە كادىرلار ئۆگىنىش تورى قاتارلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، بۇ بايراق تورنى قۇرۇپ، «ئالاقە تورى + ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى»نىڭ يېڭى يوللىرى ۋە يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدەندى.

  سەھىپە تەسىس قىلىش جەھەتتە، بۇ بايراق تور مەزمۇن تەشۋىقاتى ۋە باشقۇرۇش مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ، 10 نەچچە 1- دەرىجىلىك قانال ۋە 30 نەچچە 2- دەرىجىلىك كۆزنەك تەسىس قىلىندى، تور بېكىتىدە يېزىق، سۈرەت، ھەجۋى كارتون ۋە مىكرو سىن قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى بىۋاستە نامايان قىلىدۇ، ھەمدە پارتىيە ئەزالىرىنى ئۆز ۋاقتىدا، نوپۇزلۇق ھالدا ۋە توغرا بولغان ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى ئۇچۇرلىرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر