باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

2018.12.19 16:40   مەنبە: خەلق تورى

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 40 يىللىق ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئاچقان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمى، مەدەنىيىتى تامامەن توغرا، شەكىللەندۈرگەن پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تاكتىكىسى تامامەن توغرا.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 40 يىللىق ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى مۇۋەپپەقىيەت تەجرىبىسى بىلەن تەمىنلەپ، پارلاق ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى، بۇ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان مۇھىم، زور تۆھپىسى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 40 يىللىق ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋىلىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىرى، شۇنداقلا ئىككى «100 يىللىق» كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر.

  لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى.

  ھەيۋەتلىك خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك زالى چىراغلار چاقناپ، قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى» دېگەن پىلاكات، رەئىس سەھنىسىنىڭ كەينىدىكى پەردىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ دۆلەت گېربى ۋە «1978__2018» دېگەن خەتلەر ئېسىلىپ، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە رەتلىك تىزىلغانىدى.

  شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار يىغىن مەيدانىغا كىرگەندە، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

  سائەت 10دا، لى كېچياڭ تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋازدا دۆلەت شېئىرى ئوقۇدى.

  ۋاڭ خۇنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقانلارنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئوقۇدى. قاراردا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يۈ مىن قاتارلىق 100 يولداشقا ئىسلاھات ئاۋانگارتى دەپ نام بېرىش، ئىسلاھات ئاۋانگارتى مېدالى تارقىتىش؛ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا بولغان مەدىتى ۋە ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، ئەلېن مېرېئوكىس قاتارلىق خەلقئارادىكى ئون دوستقا جۇڭگونىڭ ئىسلاھات دوستلۇق مېدالى بېرىش قارار قىلىندى. يىغىندا ئىسلاھات ئاۋانگارتى دېگەن نامغا، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات دوستلۇق مېدالىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئىسىملىكى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

  «باھاردىكى ھېكايە» دېگەن مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ئىسلاھات ئاۋانگارتى دېگەن نامغا، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات دوستلۇق مېدالىغا ئېرىشكەنلەر ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقاتتى.

  پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىتىپ، تەقدىرلەنگەن خادىملارغا سەمىمىي تىلەك تىلىدى ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. پىئونېرلار ئۇلارغا چىرايلىق گۈل تەقدىم قىلدى.

  قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتەك تارىخىي تەدبىرنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەش، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇر يەكۈنلەش، دەۋر ئېقىمىنى چوڭقۇر كۆزىتىش، خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە ئېھتىياجىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ئاساسىدا يولغا قويغان. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پارتىيەمىزنىڭ بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ئويغىنىشى، دەل مۇشۇ ئۇلۇغ ئويغىنىش پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەدىن ئەمەلىيەتكە ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ ئىجادىيىتىنى ياراتتى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ئىنقىلاب، دەل مۇشۇ ئۇلۇغ ئىنقىلاب جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۇلۇغ ھالقىشىنى ئالغا سىلجىتتى.

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشسا، ئا…
    ·2019- يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىندى 
    ·«مائارىپتىكى مۇددەتكە بۆلۈش» قەرز پۇلى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ يوشۇرۇن قائىدىسى بولۇپ قالماقتا
    ·2019-يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر سانىنىڭ 8 مىليون 340 مىڭغا يېتىش…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى يەسلىلەر ھەمدە خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئومۇم مەنپەئەتلىنى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىر…
    ·شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ 2019- يىللىق ياردەم پۇلى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلدى 
    ·بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى بىللە كىتاب ئوقۇپ بېرىش تولىمۇ مۇھىم
    ·جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يەسلى مائارىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر قېلىپل…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىنى باشقۇرۇش جەھەتتە «كەڭ قويۇۋېتىش، بوشىشىش، يۇمشاق قول ب…