باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەنىڭ تۇ-160 تىپلىق ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانى ۋېنېزۇئىلادىن قايتتى

2018.12.17 15:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ تۇ-160 تىپلىق ئىككى ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلاننىڭ ۋېنېزۇئىلادىن رۇسىيەدىكى بازىسىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ ئىككى ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان ئاتلانتىك ئوكيان، كارىب دېڭىزى، نورۋېگىيە دېڭىزى بىلەن بارېنتس دېڭىزى سۇ ساھىلىدىن ئۆتكەن ھەمدە بوشلۇقتا ماي قاچىلىغان، ئۇچۇش مۇساپىسى 12 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكەن. باياناتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ ئىككى ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان قايتىش سەپىرىدە، نورۋىگىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىر مەھەل ئەگىشىپ ئۇچقان. رۇسىيەنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسى خەلقئارا ھاۋا تەۋەلىكىدىن پايدىلىنىش توغرىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇنكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر