باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كاتوۋېز كىلىمات يىغىنىنىڭ نەتىجىسى «پارىژ كېلىشىمىنىڭ» يولغا قويۇلىشىغا تۈرتكە بولدى

2018.12.19 11:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كاتوۋېز كىلىمات ئۆزگىرىش يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ھەر قايسى تەرەپلەر بىر مەزگىل كېچىكتۈرۈلگەندىن كېيىن ئاخىرى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ يولغا قويۇلۇش تەپسىلاتى ھەققىدىكى سۆھبەتنى تاماملاپ، بىر يۈرۈش ئومۇميۈزلۈك، تەڭپۇڭ، كۈچلۈك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ كېيىنكى قەدەمدە «پارىژ كېلىشىمىنى» ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىگە پايدىلىق بولىدۇ.

  يىغىنغا قاتناشقان جۇڭگو ۋەكىللىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يىغىننىڭ نەتىجىسىدە ئادىل بولۇش، «ئورتاق ئەمما پەرقلىنىدىغان مەسئۇلىيەت»، ھەر قايسىسىنىڭ ئىقتىدار پىرىنسىپى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ئەھۋالى ئويلىشىلغان، « دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىش» ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئۇيغۇن بولغان، «پارىژ كېلىشىمىنىڭ» يولغا قويۇلىشىغا تۈزۈم ۋە قائىدە ئاساسى سېلىنغان.

  جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى سۆھبىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى شې جېنخۇا يىغىندىن كېيىن تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا: «بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى كۆپ تەرەپچىلىكنىڭ غەلىبىسىدىن دېرەك بېرىدۇ، كۆپ تەرەپچىلىك مېخانىزمنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ»دېدى.

  بۇ قېتىمقى يىغىن ئارقىلىق، يىغىنغا قاتناشقۇچى ھەر قايسى تەرەپلەر «پارىژ كېلىشىمىنىڭ» ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش، ئازايتىش، ماسلىشىش، مەبلەغ، تېخنىكا، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ئوچۇقلۇق دەرىجىسى قاتارلىق مەزمۇنلار چېتىلىدىغان مېخانىزم، قائىدە توغرىسىدا ئاساسەن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، ھەمدە كېيىنكى قەدەمدە «پارىژ كېلىشىمىنى» ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يەر شارىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇردى.

  «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نىڭ باش كاتىپىنىڭ سابىق ئىجرائىيە كاتىپى فېگېرس مۇنداق دېدى:«كېلەر يىلقى خىزمەتلەر ئىنتايىن مۇھىم، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئاچقان كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش، 2020-يىلىدىن ئىلگىرىكى كىلىمات نىشانىنى ئۆستۈرۈش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.»

  كاتوۋېز كىلىمات ئۆزگىرىش يىغىنىنى ئەسلىدە 12-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاياغلاشتۇرۇش بېكىتىلگەن ئىدى، ئەمما سۆھبەت جەريانىدا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قىسمەن مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپى بىر قەدەر زور بولغاچقا، يىغىننىڭ قارار لايىھەسى ئىزچىل بېكىتىلمەي كەلدى. نەتىجىنى ئېلان قىلىش ۋاقتى نەچچە قېتىم كېچىكتۈرۈلۈپ، ئاخىرى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى يېرىم كېچىدە ئېلان قىلىندى.

  گەرچە ھەر قايسى تەرەپلەر «پارىژ كېلىشىمى»نى يولغا قويۇش تەپسىلاتى ھەققىدىكى سۆھبەتنى تاماملىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا بىر قىسىم مەسىلىلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سۆھبەتلىشىپ ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر مەزمۇن يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلەش دەرىجىسىنى سانائەتلەشتۈرۈشتىن بۇرۇنقى سەۋىيەدىن 1.5 سېلسىيە گىرادۇس ئىچىدە كونترول قىلىش دېگەن تەكلىپكە چېتىلىدۇ.

  «پارىژ كېلىشىمى»گە ئاساسەن، ھەر قايسى تەرەپلەر «دۆلەتلەر ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىش» ئۇسۇلى بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشىشگە تاقابىل تۇرۇشقا تۆھپە قوشۇپ، يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلەش دەرىجىسىنى سانائەتلەشتۈرۈشتىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە قارىغاندا 2 سېلسىيە گرادۇس ئىچىدە كونترول قىلىش ئۇزاق مۇددەتلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ ھەمدە تېمپۇراتۇرىنىڭ ئۆرلەش دەرىجىسىنى 1.5 سېلسىيە گىرادۇس ئىچىدە كونترول قىلىشقا تىرىشىدۇ.

  شې جېنخۇا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا كىلىمات ئۆزگىرىشى مەخسۇس كومىتېتى ئېلان قىلغان ئالاھىدە دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىش خىرىسى ئىنتايىن ئېغىركەن، ئەگەر 1.5 سېلسىيە گىرادۇسلۇق تېمپۇراتۇرىنى كونترول قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولساق، كىم بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىدۇ، قانچىلىك ئازايتىدۇ دېگەن مەسىلە كېلىپ چىقىدىكەن، بۇ ئادىل بولۇش، ئورتاق ئەمما پەرقلىنىدىغان مەسئۇلىيەت ۋە ھەر قايسىسى ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىدار پىرىنسىپىنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشىنى مەبلەغ، تېخنىكا ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشى بىلەن تەمىنلەشنى قانداق كۈچەيتىشى كېرەك دېگەن مەسلىگە چېتىلىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بىر قەدەر گەۋدىلىك بولۇۋاتقان ئىختىلاپ شۇكى: كىچىك ئارال دۆلەتلەر بىلەن ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەر: بۇ بىزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىمىزغا چېتىلىدۇ، شۇڭا ھەر قايسى تەرەپلەر تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىنى 1.5 سېلسىيە گىرادۇس ئىچىدە كونترول قىلىشى كېرەك دەپ قارىدى. ئەمما يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەر 1.5 سېلسىيە گىرادۇس ئىچىدە كونترول قىلىدىغان بولساق بىزنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىمىز قالمايدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ جەھەتتىكى ئىختلاپلارنى «بۇ قېتىمقى يىغىندىن كېيىن، مەخسۇس 1.5 سېلسىيە گىرادۇس ئىچىدە كونترول قىلىش كېرەكمۇ ياكى 2 سېلسىيە گىرادۇس ئىچىدە كونترول قىلىش كېرەكمۇ دېگەن مەسىلىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش مۇمكىن.

  گەرچە بەزى مەسىلىلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەل قىلىشقا توغرا كەلسىمۇ، ئەمما شې جېنخۇا كەلگۈسىدە يەر شارىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «پارىژ كېلىشىمى» بىزگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتتىن ئىبارەت مۇشۇ يولدا ماڭغاندىلا، يەر شارىنىڭ بۇلغىمىنى ئازايتىپ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. «پارىژ كېلىشىمى»نى يولغا قويۇش تەپسىلاتى مۈشكۈل سۆھبەتلىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاخىرىدا ۋۇجۇدقا چىقتى، كېيىنكى قەدەمدە ھەرىكەت قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا بىز كەلگۈسىدە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئىرادىسىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، پائال ھەرىكەت قوللىنىپ، بۇ يىلقى سۆھبەتنىڭ نەتىجىسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەر شارىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر