- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
زەرىف: ئىران ئامېرىكىنىڭ بېسىمى بىلەن سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ
2018.12.17 15:35 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى قاتارنىڭ دەۋھەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر سىياسىي مۇنبىرىگە قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: گەرچە ئامېرىكىنىڭ جازالىشى بىلەن ئىران ئىقتىسادىي بېسىمىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىران بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، ئامېرىكىنىڭ جازالاش تەدبىرلىرى ئىراننىڭ سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.
زەرىف مۇنداق دېدى: ئەگەر ئامېرىكا ئىلگىرىكى سۆھبەت نەتىجىسىگە ھۆرمەت قىلىدىغان بولسا، ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت بوشلۇقى يەنىلا مەۋجۇت.
ئىران 2015-يىلى 7-ئايدا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەت بىلەن يادرو كېلىشىمىنى ھاسىل قىلغان؛ كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىران يادرو پىلانىنى چەكلەش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن، خەلقئارا جەمئىيەت ئىراننى جازالاشنى بىكار قىلغان. لېكىن بۇ يىل 5-ئايدا، ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى، ئارقىدىنلا بىر قاتار جازالاش تەدبىرىنى قايتا يولغا قويدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر